خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيەلىك قەبىلە باشلىقلىرى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى
سۈرىيەلىك قەبىلە باشلىقلىرى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
سۈرىيەلىك قەبىلە باشلىقلىرى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى
سۈرىيە / AA

سۈرىيەلىك قەبىلە باشلىقلىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلات پ ك ك / ي پ گ دىن ئازاد قىلىنغان تەل ئەبياد ناھىيەسىدە يىغىن چاقىرىپ، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

قەبىلە رەئىسلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، راققە، دەيرۇززور ۋە ھاسەكە رايونىدىكى خەلقنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى، پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانىي شارائىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تېررورچىلارنىڭ رايون خەلقىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆي-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «مىڭلىغان پۇقرا ئۆي-ماكانلىرى ۋە زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئائىلىلەر مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى. بۇ جەرياندا، بۇلاڭچى قاراقچىلار رايوندىكى بايلىقلارنى بۇلاپ-تالاپ، خەلقنى نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە قالدۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەلقنىڭ ئازابلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە قايتىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا يەنە: «خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۇ ۋەھشىي قوراللىقلارغا قارىتا جىددىي تەدبىرى قوللىنىشىنى، ئۇلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ خىل ياردەملەر سۈرىيەدە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن قوراللىقلارنىڭ جەزىرە خەلقى نامىدىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنۇشىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جەزىرەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى بارلىق رايونلىرىنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»