رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش سىگنالى بەردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قايتا باشلاش سىگنالى بەردى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئالدىنقى يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىككى تەرەپتىن 185 كىشىنىڭ ئۆزئارا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى.
رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق تەپتىشى تاتيانا موسكالكوۋا دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى دمىترو لۇبىنېتس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە «ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى دەرھال قايتا باشلاش مەسىلىسى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
موسكالكوۋا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇدا تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەسىر ئالماشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇكرائىنا ئالىي راداسى (Verkhovna Rada) تەپتىشى دمىترو لۇبىنېتس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئۇدا تۆت ئايدىن بۇيان ھېچ ئەسىر ئالماشتۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئالدىدىكى توسۇقلارنى پىرىنسىپ جەھەتتىن دەرھال پاچاقلاپ تاشلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»
موسكالكوۋا سۆھبەتنىڭ قەيەردە ۋە قاچان ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىدى. ئەمما موسكالكوۋا بىلەن لۇبىنېتس جۈمە كۈنى تېلېگرام سەھىپىلىرىدە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىكەنلىكلىرىنى، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى رەئىسى مىرجانا سپولجارىچنىڭ جەمئىيەت باش ئىشتابىدا ھەر ئىككى ئەمەلدار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
موسكالكوۋا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش مۇساپىسى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۈرلۈك تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى، ئەمما ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىشنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئانىلار ۋە ئاياللار ئەنسىرەش ئىچىدە سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى كۈتمەكتە. ئۇلارنىڭ تېزرەك ئۆيىگە قايتىشى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھىر - شەپقەتنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.»
ئۇ، ئۇكرائىنالىق كەسپىيدىشىغا رۇسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
موسكالكوۋا: «ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ تەكلىپلىرىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى ۋە جەنۋە ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن يارىلانغان رۇسىيەلىك ئەسىرلەرنىڭمۇ دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
ھەر ئىككى تەرەپتىن 185 كىشى قايتۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى. ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئائىت دەسلەپكى كېلىشىملەر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدى.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە؛ «1000 ئەسىرگە 1000 ئەسىر» ئالماشتۇرۇش، يەنە بىر كەڭ كۆلەملىك ئالماشتۇرۇش پىلانى، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆزئارا تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىن كەم دېگەندە 1200 ئەسىرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇلغان ئىدى.