تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئىككى دۆلەت زېمىنىدا قانۇنلۇق تۇرۇش ئاساسى بولماي تۇرۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىدى.
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتىچى، پايتەخت ئاستانادىن كېيىن تۈركىستان شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

تۈركىستان شەھىرىدە خوجا ئەھمەد يەسسەۋىي مەقبەرىسى بىلەن ئەھمەد يەسسەۋىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ زىيارەتتە بولغان مىنىستىر چىفتىچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېرجان سادېنوۋ بىلەنمۇ ئۇچراشتى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. بولۇپمۇ چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر ۋە تور جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش، چارلاش-ئاختۇرۇش پائالىيەتلىرى، كۆچمەنلەر خەۋپسىزلىكى، خادىم تەربىيەلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلدى.

مىنىستىرلار ئۇچرىشىشتىن كېيىن، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

مىنىستىر سادېنوۋ قىلغان سۆزىدە قازاقىستان بىلەن تۈركىيەنى، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كونكرېت ھەمكارلىقلاردىمۇ نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تەرەپلەر كېيىنكى مەزگىلدە ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنى راۋاجلاندۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىش ۋە خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار نۆۋەتتىكى مەسىلىلەردە ئورتاق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى ھەمدە تەرەپلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇش ئۈچۈن قانۇنلۇق ئاساسى بولمىغان كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېكىتىشى نىشان قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى