ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «كىچىك دۆلەتلەر» گە %10 تىن يۇقىرى، ھىندونېزىيەگە %19 باج قويىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېڭى سودا سىياسىتىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە قارىتا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە دورا ۋە تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىدىنمۇ باج ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ «كىچىك دۆلەتلەر» گە %10 تىن يۇقىرى، ھىندونېزىيەگە %19 باج قويىدۇ
ترامپ «كىچىك دۆلەتلەر» گە %10 تىن يۇقىرى، ھىندونېزىيەگە %19 باج قويىدۇ / Reuters

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئافرىقا ۋە كارىب دېڭىزىدىكى كىچىك دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە %10 تىن يۇقىرى ئىمپورت بېجى قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ھىندونېزىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ دۆلەتتىن ئامېرىكاغا كىرگەن مەھسۇلاتلاردىن %19 باج ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئىھتىمال، ھەممىسى ئۈچۈن بىر خىللا تاموژنا بېجى بېكىتىمىز» دېدى ۋە كەم دېگەندە 100 دۆلەتتىن كەلگەن مەھسۇلاتلار ئۈچۈن «%10 تىن سەل يۇقىرى» مۇقىم تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 مەزكۇر تاموژنا باجلىرىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن ئامېرىكا سودا ھەجىمىدە نىسبەتەن تۆۋەن ئۈلۈشكە ئىگە ئافرىقا ۋە كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ترامپنىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىش يۆنىلىشىدىكى كەڭ كۆلەملىك نىشانىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ ھىندونېزىيە مەسىلىسىدە، كېلىشىمنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن %32 لىك نىسبەتتىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھىندونېزىيە 15 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى، 4 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋە كۆپىنچىسى 777 تىپلىق بولغان 50 دانە بوئېنگ ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى.»

ترامپ كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجى نىسبىتى توغرىسىدا 20 نەچچە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خەت ئەۋەتكەنىدى.

 بۇ قېتىمقى باج دولقۇنى ترامپنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلىپ، بازارلاردا داۋالغۇش پەيدا قىلغان تارىخىي يۇقىرى ئىمپورت بېجى توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

 ترامپنىڭ شۇ ۋاقىتتا باشلانغان 90 كۈنلۈك سۆھبەت مۇددىتى 9-ئىيۇلدا ئاخىرلاشتى.

پىرېزىدېنت ترامپ يەنە، دورا ئىمپورتىدىنمۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يېڭى تاموژنا باجلىرى ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ يەنە كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە قويۇلىدىغان باجلارغىمۇ ئوخشاش بىر خىل ئەندىزىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى، دەسلەپتە تېخىمۇ تۆۋەن نىسبەت بىلەن باشلىنىپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشىغا شارائىت يارىتىلغاندىن كېيىن، باجنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى