تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى. / TRT Global
 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتە، «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى كېلەچىكىنىڭ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى (GKRY) تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشىغا يول قويۇلۇشى» نىڭ توغرا ئىستراتېگىيە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ماسلىشىش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى راففائېلې فىتتو بىلەن كۆرۈشكەن.

مىنىستىر فىدان ئۇچرىشىشتا، فىتتونىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلىرىنى ۋە ئوينىغان ئىجابىي رولىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە ھەمكارلىققا بەرگەن ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر فىدان تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىيالايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى كېلەچىكىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشىغا يول قويۇلۇشى» نىڭ توغرا ئىستراتېگىيە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر فىدان يەنە تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ قىبرىس مەسىلىسى بىلەن باغلانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى
خاقان فىدان «رايونلار ئارا باغلىنىشچانلىق ۋە قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى يىغىنلىرى» غا قاتنىشىدۇ
تۈركىيە ۋە 17 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە بىلەن قاتار رەھبەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىشىدا تارىخىي مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان COP31 يىغىنىدا سەككىز دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: COP31 دىكى قەتئىي ئىرادە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ
مالاتيادا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە