ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر ئىمپورتى، ئۆزئارا بازار ئېچىش ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا 30 مىليارد دوللارلىق تاۋار سودىسىدا ئۆزئارا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە ئۆزئارا بازارغا كىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىش، شۇنداقلا سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ۋە زىيارەتتىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ھەيئەتلىرىنىڭ نىيۇيورك بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە، بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە سودا مەسىلىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، تەرەپلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى قولايلاشتۇرۇش  ئۈچۈن، «سودا كېڭىشى» قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەن. بۇ كېڭەش دائىرىسىدىكى سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە 30 مىليارد دوللارلىق تاۋار سودىسىدا ئۆزئارا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش قارار قىلىنغان.

كۆمۈر ئىمپورتىمۇ ئۆزئارا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي 2027 ۋە 2028-يىللىرى ئامېرىكادىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىدۇ.

باياناتتا تەرەپلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا سۆھبىتى مېخانىزمى دائىرىسىدە «مەبلەغ سېلىش كېڭىشى» قۇرۇش توغرىسىدىمۇ كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ كېڭەش يوشۇرۇن مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلار ھەققىدە مۇنتىزىم ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

سودا كېڭىشى دائىرىسىدە يەنە يېزا ئىگىلىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدىكەن. بۇ گۇرۇپپىدا ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزئارا بازارغا كىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئىككى دۆلەت پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بازىرىغا كىرىش مەسىلىسىدىمۇ پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشتى. خىتاي ئامېرىكا مەبلىغىدىكى شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورگانلارنىڭ خىتايدا شۆبە ئېچىش ۋە تىجارەت قىلىش ئىلتىماسىنى باھالايدىكەن.

سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتى

باياناتتا، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل ھەققىدە سۆھبەت باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەيئەتلەر سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك خەۋپ ۋە مەنپەئەتلەر ھەققىدە دەسلەپكى مۇزاكىرىنى ئۆتكۈزدى. تەرەپلەر سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى نويابىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش ۋە بۇ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە ئىشلىتىلىدىغان ئالاقە يولى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ