خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 17 ئەسكەر ئۆلدى
نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى كۆپ قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇملاردا «ئونلارچە قاراقچىنى يوقاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.
نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 17 ئەسكەر ئۆلدى
/ AP

نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچ ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 17 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ۋە يەرلىك بىر ئەمەلدار بۇنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

غەربىي شىمالىي رايونلاردا پائالىيەت قىلىدىغان، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «قاراقچىلار» دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق گۇرۇھلار ئادەتتە تۆلەم  تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئادەملەرنى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تونۇلغان.

نىگېرىيە ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھۇجۇملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئەپسۇسكى، بىر قىسىم باتۇر جەڭچىلىرىمىز كۈن بويى داۋاملاشقان بۇ توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى. توقۇنۇشتا يارىلانغان يەنە تۆت ئەسكىرىمىزنىڭ ئوق يارىسى داۋالانماقتا.»

ئىككى بىخەتەرلىك مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق ئۇنسۇرلار نېگىر ئۆلكىسىدىكى كۋانار دۇتسې مارىگا ۋە بوكا رايونلىرى ھەمدە قوشنا كادۇنا ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئالدىنقى سەپ ھەرىكەت بازىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار ئەسكەرلەر بىلەن ئۇدا نەچچە سائەت ئېتىشقان.

نىگېرىيەدە ئېغىرلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى

مەنبەلەر ۋە مارىگا رايونىنىڭ باشلىقى ئابباس كاسۇۋار گاربانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17 ئەسكەرنىڭ ھەممىسى كۋانار دۇتسې مارىگا بازىسىدىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. نېگىر ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار: «بۇ بىر قېتىملىق پىستىرما ھۇجۇمى ئىدى. ئۇلار ھەممە تەرەپتىن پەيدا بولۇپ، ئېغىر قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى» دېگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، نىگېرىيە ئارمىيەسى قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نىگېرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئارمىيەنىڭ بىر تەرەپتىن قوراللىق شايكىلار، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي شىمالدىكى بوكو ھارام ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق گۇرۇھلارغا قارشى بىرلا ۋاقىتتا كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇرەككەپلەشمەكتە. نېگىر ئۆلكىسىنىڭ بوكو ھارام تېررورچىلىرى پائالىيەت قىلىدىغان رايونلىرىدا ھەربىي خادىملارغا قارىتىلغان پىستىرما ھۇجۇملىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى