گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇقگىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى سىرىگوس تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى گىرىت ئارىلى ساھىللىرىغا كەلگەندە، گىرېتسىيەنىڭ ئىككى قېتىم چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
گىرېتسىيە پالاتا ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق

گىرېتسىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى ئانگېلوس سىرىگوس، 2024-يىلى تۈركىيەدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتر لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك گىرىت ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەگلىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىككى قېتىم چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

سىرىگوس ERT News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، 2024-يىلى ئىيۇل ۋە نويابىر ئايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى.

سىرىگوس تۈركىيەنىڭ 2024-يىلى ئىيۇلدا 5 ئۇرۇش پاراخوتىنى، نويابىردا بولسا ئازراق ساندىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى رايونغا ئەۋەتىشىدىن كېيىن گىرېتسىيەنىڭ كۆرسەتكەن ئىنكاسى ھەققىدە: «ھەر ئىككى ۋەقەدە چېكىندۇق. دېڭىز تەگلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمىدۇق» دېدى.

پىروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ «چېكىندۇقمۇ؟» دېگەن سوئالىغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن سىرىگوس، ئاتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ چاغلاردا مەسىلىنى دىيالوگ ۋە دېڭىز ئاستى كابېللىرىنى ياتقۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇن ماددىلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىرىگوس ئۆتمۈشتە ئوخشاش دېڭىز تەۋەلىكىدە كابېل ياتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ جىددىي مەسىلە چىقماي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتىكى لايىھەنىڭمۇ شۇ بويىچە ئىلگىرىلىشىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئوخشاش شارائىتنىڭ يارىتىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە كابېل ياتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن تۈركىيەدىن رۇخسەت سورالمايدىغانلىقىنى، بىراق بۇ قېتىم فىرانسىيەنىڭ تەكشۈرۈش پاراخوتى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. سىرىگوس تۈركىيەگە بېرىلگەن ئۇچۇرنىڭ رۇخسەت سوراش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى