ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو ئۆلچىمىدە ئىشلەپچىقىرىش قىلىدىغان ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ تەمىنات بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ «تۈرك ئۆيى»دە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يىغىننى تەشكىللىگەن ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى، سودا كېڭەشلىرى ۋە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىمىز بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە قولغا كەلتۈرگەن ماسلىقنى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزگىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشنى خالايمىز.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئامېرىكا ھازىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەمىنلىگۈچىلىرىمىز ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپادا ئامېرىكا مەنبەسىنى تاللايدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق. بۇ ھەمكارلىقنى يادرو ئېنېرگىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئېنېرگىيە ساھەسىگە كېڭەيتىشنى نىشانلاۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى پەقەت سودا سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىقلا باھالاش توغرا ئەمەس. دۇنياۋى ئىقتىسادىي تەرتىپ قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا ئېھتىياج بار، دەپ قارايمەن.»

ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى قايتىدىن سىزىلىۋاتىدۇ

ئەردوغان توقۇنۇشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رايوندا بەش چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچى ئۆزگىرىش تەمىنات زەنجىرىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، شىركەتلەر ئەمدى پەقەت ئەڭ ئەرزان جاينىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئىشەنچلىك جاينىمۇ ئىزدەيدىكەن. ئەردوغان: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا بىرلىكىگە ئىگە، كەڭ ئەركىن سودا تورىغا تۇتاشقان ۋە كۈچلۈك سانائەت ئۇل ئەسلىھەسى بار دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىزدىنىشنىڭ تەبىئىي مەنزىلىدۇر» دېدى.

ئۇ قالغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچىدىن، ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى قايتىدىن سىزىلىۋاتىدۇ. باكۇ—تىفلىس—جەيھان لىنىيەسىدىن ئانادولۇ ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى  (TANAP)غىچە، تۈركىيە ئۈزۈلمەس ئېنېرگىيە ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك كارىدورىدۇر.

ئۈچىنچىدىن، سودا كارىدورلىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئاسىيانى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا كارىدور بىلەن پارس قولتۇقىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان تەرەققىيات يولى تۈركىيەدە كېسىشىدۇ.

تۆتىنچىدىن، قايتا قۇرۇش دەۋرى باشلىنىۋاتىدۇ. رايونىمىزدىكى يوللار، پورتلار، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، تۇرالغۇلار ۋە زاۋۇتلار قايتا قۇرۇلىدۇ. تۈركىيە ھۆددىگەرلىك كەسپى مۇرەككەپ جۇغراپىيەلەردە خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى بىلەن بۇ مۇساپىگە ئەڭ ياخشى تەييارلانغان تەرەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

بەشىنچىسى مۇداپىئە ۋە ئىلغار تېخنىكىدۇر. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆلچىمىدە ئىشلەپچىقىرىش قىلىدىغان مۇداپىئە سانائىتىمىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ تەمىنات بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشالايدىغان ئىقتىدارغا يەتتى.

دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاپرېلدا دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ يۇقىرى مەبلەغ سېلىش يۈرۈشلۈك پىلانلىرىنىڭ بىرىنى يولغا قويدۇق. ۋاشىنگتون ۋە نىيۇيوركتىكى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەلدىكى ۋەكىللىك ئورگانلىرىمىز سىلەرنى ھەر ۋاقىت قوللاشقا تەييار.»

ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك سودا-سانائەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى