ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئۇرۇشقا قارىماي نېفىت ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھورمۇز بوغۇزىدىن 90 غا يېقىن پاراخوت ئۆتتى
مارتقا قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىدىكى قاتناش زور دەرىجىدە توختىتىلغان بولسىمۇ، ئىران ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 16 مىليون ۋارىلدىن ئارتۇق نېفىت ئېكسپورت قىلدى.
ئىران ئۇرۇشقا قارىماي نېفىت ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھورمۇز بوغۇزىدىن 90 غا يېقىن پاراخوت ئۆتتى
بىر تۇڭ خام نېفىت باھاسى 100 دوللاردىن ئاشقاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىشكە ھەم بوغۇزنى قايتا ئېچىشقا چاقىردى. / AP

دېڭىز قاتنىشى ۋە سودا سانلىق مەلۇمات سۇپىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-فېۋرال ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ھورمۇز بوغۇزىدىن نېفىت تانكېرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 90 پاراخوت ئۆتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىران بۇ مۇھىم دېڭىز يولى ئەمەلىيەتتە تاقالغان تۇرۇپمۇ، مىليونلىغان ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دېڭىز قاتنىشى سانلىق مەلۇمات شىركىتى «Lloyd's List Intelligence» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوغۇزدىن ئۆتكەن پاراخوتلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جازالىرى ۋە تەكشۈرۈشلىرىدىن قاچقان ھەمدە ئېھتىماللىققا قارىغاندا ئىران بىلەن ئالاقىسى بار «يوشۇرۇن» ئۆتۈنۈشلەرنى كۆرسىتىدىكەن. يېقىنقى كۈنلەردە ھۆكۈمەتلەر سۆھبەتنى تېزلەتكەچكە، ھىندىستان ۋە پاكىستان بىلەن ئالاقىسى بار پاراخوتلارمۇ بوغۇزدىن بىخەتەر ئۆتكەن.

خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۈمىدى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە سودا شېرىكلىرىگە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىش ۋە بوغۇزنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتتى. دۇنيادىكى خام نېفىت تەمىناتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قامدايدىغان ھورمۇز بوغۇزىدا مارتنىڭ بېشىدىن تارتىپ سۈركىلىشلەر كۈچەيگەن بولۇپ، رايوندا تەخمىنەن 20 پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

سودا سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئانالىز سۇپىسى «Kpler» نىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، غەربنىڭ جازالىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەر سەۋەبىدىن خىتاي بۇ مەزگىلدە ئىران نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسىغا ئايلانغان. «Kpler» نىڭ سودا خەۋپ-خەتىرى ئانالىزچىسى ئانا سۇباسىچ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت مىقدارىدا «ئۈزلۈكسىز بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى» بارلىقىنى ئېيتتى. مەسلىھەت بېرىش شىركىتى «Reddal» نىڭ خېرىدارلار مۇدىرى كۇن ساۋ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشتىن پايدا ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوغۇز ئۈستىدىكى كونتروللۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېكسپورت لىنىيەسىنى قوغداشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1-مارتتىن 15-مارتقىچە بوغۇزدىن ئۆتكەن 89 پاراخوتنىڭ ئىچىدە 16 نېفىت تانكېرى بار بولۇپ، بۇ سان ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى كۈندىلىك تەخمىنەن 100-135 پاراخوتنىڭ ئۆتۈشىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئازايغان. مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكىنىڭ ئىران بىلەن، قالغانلىرىنىڭ بولسا خىتاي ۋە گىرېتسىيە بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئېنىقلاندى.

پاكىستان دۆلەتلىك دېڭىز قاتنىشى شىركىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان، پاكىستان بايرىقى قادالغان خام نېفىت تانكېرى «Karachi» يەكشەنبە كۈنى بوغۇزدىن ئۆتكەن بولۇپ، پاكىستان پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شارىق ئامىن پاراخوتنىڭ پات يېقىندا مەنزىلىگە بىخەتەر يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «Shipping Corp. of India» شىركىتىگە تەۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) توشۇغۇچى پاراخوتلىرى «Shivalik» ۋە «Nanda Devi» مۇ 13- ياكى 14-مارت ئەتراپىدا بوغۇزدىن ئۆتتى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار «Financial Times» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئىككى پاراخوتنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«Lloyd's List» نىڭ باش مۇھەررىرى رىچارد مىد پاراخوتلارنىڭ كەم دېگەندە مەلۇم دەرىجىدىكى دىپلوماتىك ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۆتەلەيدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ ئۆز قىرغاقلىرىغا يېقىن جايدا «ئۈنۈملۈك بىر بىخەتەر كارىدور» ياراتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. پاراخوت ئىز قوغلاش سۇپىسى «MarineTraffic» نىڭ ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، بەزى پاراخوتلار ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى «خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ جاكارلىغان.

ئىران ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ نېفىت باھاسى %40 تىن كۆپرەك ئۆسۈپ، بىر ۋارىلى 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. ئىران ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بارىدىغان ھېچقانداق نېفىت تەمىناتىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت «CNBC» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۇنيا بازارلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىران نېفىت تانكېرلىرىنىڭ چىقىشىغا يول قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئىران نېفىت تورى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان خارگ ئارىلىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بومباردىمان قىلغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھازىرچە نېفىت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇتەخەسسىس كۇن ساۋنىڭ پىكىرىچە، ھورمۇز بوغۇزى پۈتۈنلەي تاقالغان بولماستىن، بەلكى ئىراننىڭ ئېكسپورتىغا ۋە مەلۇم ساندىكى چەت ئەل پاراخوتلىرىغا يول قويۇلىدىغان «تاللانما تاقاش» سىستېمىسى بويىچە ئىدارە قىلىنماقتا. لېكىن، گوللاندىيە بانكىسى «ING» نىڭ ئىستراتېگىيەچىلىرى ئىراننىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە باھاسى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ قولايلىقنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى