خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ھۆرمەت ئاساسىدا ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو دۆلىتىنىڭ ھۆرمەت ئاساسىدىكى بىر دىيالوگنى مەقسەت قىلغان بىر چاقىرىق بولغان تەقدىردە دىپلوماتىيەنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مادۇرو ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ھۆرمەت ئاساسىدا ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى
مادۇرو ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ھۆرمەت ئاساسىدا ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، ئون كۈن بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىغا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ توپلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك «سەمىمىي» بىر تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.

مادۇرو چارشەنبە كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتۈم. سۆھبەتنىڭ ھۆرمەت دائىرىسىدە، ھەتتا سەمىمىي بولغانلىقىنى ئېيتالايمەن. ئەگەر بۇ سۆھبەت دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىك بىر دىيالوگقا قاراپ قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرسە، دىيالوگنى ۋە دىپلوماتىيەنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىمىز، چۈنكى بىز ھەر ۋاقىت تىنچلىقنى ئىزدەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش سەۋەبى بىلەن كارىب دېڭىزىغا بىر ئۇرۇش پاراخوتى فىلوتى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 22 كېمىگە ئەجەللىك ھۇجۇم قىلغان، كەم دېگەندە 83 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

مادۇرو بولسا بۇ ھەرىكەتنىڭ سولچىل ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ كەڭ نېفىت زاپىسىنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى مادۇرو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

سۆھبەتنىڭ، مادۇرونىڭ ۋەزىپىدىن چېكىنگەن تەقدىردە ئېھتىماللىق بولغان بىر ئۇچرىشىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش شەرتلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن بايانات بېرىشى تەلەپ قىلىنغاندا، ترامپ بايانات ئېلان قىلىپ: «ياخشى ياكى يامان ئۆتتى دەپ ئېيتالمايمەن. بۇ پەقەت بىر تېلېفون سۆھبىتى ئىدى» دېدى.

ۋاشىنگتون مادۇرونى ئاتالمىش «قۇياش كارتىلى» نىڭ لىدېرى بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ قۇرۇلمىنى 24-نويابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مادۇرونىڭ تۇتۇلۇشىنى تەمىنلەيدىغان ئۇچۇر ئۈچۈن 50 مىليون دوللار مۇكاپات قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى