پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
ئۇرۇش سۇ ئاستىغا يۆتكەلمەكتە: ئۇچۇر - ئالاقە كابېللىرى زەربە ئوبيېكتى قىلىنماقتا
دېڭىز ئاستى ئۇچۇر - ئالاقە كابېللىرىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دېگۈدەك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىستىخبارات ۋە ھەربىي ئالاقىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئۇرۇش سۇ ئاستىغا يۆتكەلمەكتە: ئۇچۇر - ئالاقە كابېللىرى زەربە ئوبيېكتى قىلىنماقتا
FILE PHOTO: Electrical transmission cables connecting to Quebec at the Churchill Falls hydroelectric project in Churchill Falls

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جىددىيچىلىك كۈچەيمەكتە. ئۇرۇش دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئايروپىلانلار كېلىدۇ. بىراق مەسىلىنىڭ يەنە بىر دىققەتكە سازاۋەر تەرىپى بار: دۇنيانىڭ ئالاقە يۈكىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنى كۆتۈرۈۋاتقان سۇ ئاستى ئوپتىك تالا كابېللىرى نىشانغا ئېلىنماقتا. بۇ كابېللارنىڭ ئۈزۈلۈشى دۇنيا مىقياسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىران—ئىسرائىلىيە—ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلەر، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس… بۇلارغا دۇنيا دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان قىزىل دېڭىز بىلەن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئەمەلىيەتتە تاقىلىپ قېلىشىدىن تارتىپ، خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەقەلەر، ئافرىقادىكى ئۆزگىرىشلەرگىچە نۇرغۇن مەسىلىنى قوشۇش مۇمكىن.

بەلكىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا مىقياسىدىكى جىددىيچىلىك شۇنچە كەڭ دائىرىدە بىرلا ۋاقىتتا كۈچىيىۋاتقاندۇر. شۇڭا دۆلەتلەر ۋە دۆلەت سىرتىدىكى كۈچلەر بۇ يېڭى دەۋردە قانداقتۇر بىر يول بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.

بۇ پەيتتە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تانكىلار، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. بۇ ساھەدە قورال-ياراغلىرى كۈچلۈك تەرەپنىڭ قارشى تەرەپ ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈك قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر بۇ قاراشنىڭ ھەمىشە توغرا بولۇشى ناتايىن، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ سۇ ئاستىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالاقە ۋە سانلىق مەلۇمات يۈكىنى كۆتۈرۈۋاتقان ئوپتىك تالا كابېللىرى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بىر دەمدىلا ئۆزگەرتىۋېتىشى، ھەممە تەرەپ زىيان تارتىدىغان ئېغىر بىر جەرياننى باشلىشى مۇمكىن.

يېقىندا نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەر دىققەت قوزغىدى. خەۋەردىكى دەۋاغا قارىغاندا، رۇسىيە قىسىملىرى نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدا، مۇھىم سۇ ئاستى كابېللىرىنى كاردىن چىقىرالايدىغان يېڭى بىر تېخنىكىنى سىناق قىلماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قاراشلىق قىسىملار رايونغا ئەۋەتىلگەن. رۇسىيەنىڭ زەربە بېرىش نىشانىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان 1400 كىلومېتىرلىق ئىككى ئوپتىك تالا كابېلى ھازىرچە زىيانغا ئۇچرىمىغان. بىراق ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۇ مەسىلىنىڭ پات-پاتلا كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

دېڭىز تېگىدىكى ئوپتىك تالا كابېللىرى زىيانغا ئۇچرىسا، قانداق تەسىر پەيدا بولىدۇ؟

تور دىپلوماتىيەسى ۋە ئىستىخبارات تەتقىقات مەركىزىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى كۇبرا ئۆزدەن بۇ جەرياننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سۇ ئاستىدىكى ئوپتىك تالا كابېللىرى ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيەنى تۇتاشتۇرىدىغان دۇنياۋى تورنى شەكىللەندۈرىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئېقىمى ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ تەخمىنەن %99ى دېڭىز ئاستى ئوپتىك تالا كابېللىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. ئۆزدەننىڭ قارىشىچە، بۇ كابېللارغا ماددىي ياكى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق دەخلى قىلىنسا، ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزۈلۈشى، بانكا ۋە پۇل تۆلەش سىستېمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، قاتناش ۋە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى بۇنىڭ دەسلەپكى ئاقىۋەتلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن.

مەسىلىنىڭ دۆلەتلەر ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا چېتىلىدىغان تەرىپىمۇ بار. ئۆزدەن مۇنداق دەيدۇ:

«كابېللارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پونكىتلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات كارىدورلىرى ئالاقىگە دەخلى قىلماي تىڭشاش، سىگنال ئىستىخباراتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ. شۇڭا دېڭىز ئاستى كابېللىرى ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭلا ئەمەس، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنىڭمۇ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى».

دېمەك، بۇ كابېللاردا كۆرۈلىدىغان مەسىلە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دېگۈدەك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىستىخبارات ۋە ھەربىي ئالاقىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئاسانلا قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ

كۇبرا ئۆزدەن بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت شىمالىي ياۋروپادىلا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دۇنياۋى گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان قىزىل دېڭىز ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئەھۋالىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھەر ئىككى رايون قوراللىق توقۇنۇش ۋە قەستەن بۇزغۇنچىلىق خەۋپىگە ئاسان ئۇچرايدۇ.

ئۆزدەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىختا تۇنجى قېتىم ھورمۇز بوغۇزى بىلەن قىزىل دېڭىز سودا قاتنىشىغا بىرلا ۋاقىتتا رەسمىي تاقالغان. ئۇ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتىدىغان 17 سۇ ئاستى كابېلىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنىڭ زور قىسمىنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۆزدەن بۇ رايونلاردىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئاجىزلىقىغا مىسال كەلتۈرۈپ، 2024-يىلى قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۈچ چوڭ كابېل ئۈزۈلگەندە، ئۇلارنى تولۇق رېمونت قىلىشقا تەخمىنەن ئالتە ئاي كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ: «شۇڭا كابېللارنى پەقەت ماددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەنلا قوغدىغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ. ئۆزدەن كابېل لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، دېڭىزدىكى گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى بايقاش، تېز رېمونت قىلىش ئىقتىدارى ۋە قوشۇمچە لىنىيەلەرنى «سىستېمىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللار» دەپ قارايدۇ.

«تۈركىيەمۇ بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر كۈچ»

يېقىندىن بۇيان كۆپ ئاڭلىنىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى «drifting»، يەنى ئېقىن بىلەن لەيلەش مەسىلىسىدۇر. بۇ ئاتالغۇ بىر پاراخوتنىڭ ئوپتىك تالا كابېللىرى ياكى مۇھىم تۇرۇبا يولى ئۆتىدىغان جايدا گۇمانلىق ھالدا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەرىكەت «خەرىتىلەش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىپ، بۇنداق ھەرىكەت قىلغان پاراخوتلارغا دەرھال مۇداخىلە قىلىنىدۇ.

شىمالىي دېڭىزدىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %52 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي دېڭىزىدا بولسا 18 مىڭدىن ئارتۇق پاراخوتنىڭ مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلغانلىقى دوكلات قىلىنماقتا. بۇ، مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ %88 ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قالايمىقان ۋەزىيەتتە مەسىلىنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىمۇ بار. كۇبرا ئۆزدەن تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ رايون دۆلەتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھوقۇقلارغا دائىر كېلىشىملەر ۋە سۇ ئاستى تۈرلىرىگە دىققەت تارتىپ، ئەنقەرەنىڭ بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۆزدەن سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

«ئاساسلىق خەۋپ — مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىق ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى تەھدىتلەردىن يېتەرلىك قوغدالماسلىقى ئېھتىمالىدۇر. شۇڭا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ كاپالەتلەندۈرۈش، قوشۇمچە لىنىيەلەرنى بەرپا قىلىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى ئىشقا ئاشۇرالىساق، تۈركىيە ياۋروپا—ئاسىيا سانلىق مەلۇمات ئېقىمىدىكى كۈچلۈك ئۆتكۈزۈش مەركىزىگە ئايلىنالايدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ئورنىمىزنىمۇ كۈچەيتىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئامېرىكا سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن 21 پارچە قەدىمكى ئەسەر دەمەشق مۇزېيىدا
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرتتىن ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى
سلوۋاكىيەدە مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئوقۇتقۇچى قازا قىلدى
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
فىرانسىيەدە ئوخشاش بولمىغان ساھە خادىملىرى مائاش ئۆستۈرۈش تەلىپى بىلەن ئىش تاشلىدى
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى