خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئىران ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىسفاھان ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كېتىپ تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىران ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئىران ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى / AA

بۇ، بىر «F-4» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھەمەدان ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچىلاردىن بىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئايروپىلان قازاسى ھېسابلىنىدۇ.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئىران ئارمىيەسىگە تەۋە بىر تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىسفاھان ئۆلكىسىنىڭ دورچەھ رايونى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، قازادا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەھر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىر مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ قورۇسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن.

ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا يۈز بەرگەن ۋاقىتتا تىك ئۇچار ئايروپىلان مەشىق ئۇچۇشى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇچقۇچى ۋە ياردەمچى ئۇچقۇچىدىن باشقا، بازاردا ئىشلەيدىغان ئىككى پۇقرامۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

قازانىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

بۇ، ئىراندا بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئايروپىلان قازاسى ھېسابلىنىدۇ. پەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ غەربىدىكى ھەمەدان شەھىرى ئەتراپىدا بىر «F-4» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ بىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىراندا ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئۆلۈملۈك ئايروپىلان قازالىرىمۇ خېلىلا كۆپ. غەربنىڭ ئېمبارگولىرى ئىراندا ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، دۆلەت مەيلى ھۆكۈمەت ياكى سودا ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە بولسۇن، كونىراپ كەتكەن تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلان فىلوتىغا تايىنىپ قالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ