بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۇزلا ئۆلكىسىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 20 كىشى يارىلانغان.
ياشانغانلار ساناتورىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئوت ئاپىتىدە 10 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 ئەتراپىدا كىشى يارىلاندى.»
ئوت ئاپىتى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8:45 دە (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 19:45 دە) باشلانغان.
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ «‹Federalna TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى بىر سائەت ئىچىدە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.
ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى.
تۇزلا ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكا مەركىزىنىڭ باياناتچىسى ئەرسىجا ئاسكېرىچ مۇجېدىنوۋىچ، tuzlanski.ba خەۋەرلەر تور بېتىگە بەرگەن باياناتىدا، بىرنەچچە بىمارنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بىلەن زەھەرلىنىشى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەن ئۈچ بىمار ئىچكى كېسەللىكلەر كلىنىكىسىدا، ئىككى بىمار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە، بىر بىمار قوبۇل قىلىش كلىنىكىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.»
«‹Federalna TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە بەش كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۈچ كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا ئىكەن.
دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.