غەززە ئاممىۋى مۇداپىئە ئىدارىسى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەترەتلەرنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ سابرا مەھەللىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 112 كىشىنىڭ جەسىتىنى ۋە كېسىلگەن ئورگان پارچىلىرىنى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىدارەنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەيران قىلغان» بىر ئولتۇراق رايونىدا تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى باشلانغان ئىزدەش خىزمىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەلھاساينا ۋە ئەبۇ شەرىيا ئائىلىلىرىگە تەۋە ئۆيلەرمۇ ئورۇن ئالغان بۇ ئولتۇراق رايون، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىكى تۇنجى ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 2023-يىلى 23-ئۆكتەبىردە بومباردىمان قىلىنغان.
ئىدارە ئەترەتلەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بويىچە ئېلىپ بارغان 136 سائەتلىك «جاپالىق» خىزمەتلىرى جەريانىدا جەسەتلەرنى چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئاراسىدا 40 كىچىك بالا، 38 ئايال ۋە 7 مېيىپ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە نۇرغۇن جەسەت خارابىلىك ئاستىداتۇرماقتا.
خىزمەتكە رىياستچىلىق قىلغان مۇھەممەد ئەبۇ دان ئەترەتلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا دەپ قارالغان يەنە 157 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېخى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەبۇ دان ئەترەتلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەن بېتون پارچىلىرىنى قوللىرى بىلەن كولىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەسلىھە ۋە جابدۇق يېتىشمەسلىكنىڭ خىزمەتتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىزدەش خىزمىتى ئاممىۋى مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ۋەيرانچىلىق ئاستىدا قالغان جەسەتلەرنى چىقىرىش مەقسىتىدە 19-ئىيۇلدا باشلىغان ئىككىنچى باسقۇچىنى تەشكىل قىلدى.
ئاممىۋىي مۇداپىئە ئىدارىسى باياناتچىسى مەھمۇد باسال بۇ باسقۇچ باشلانغاندا، ئەترەتلەرنىڭ غەززە شەھىرى ھەم رايوننىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋەيران قىلىنغان 147 ئۆيدە 800 سائەت بويىچە ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىلاردا تەخمىنەن 1072 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
غەززەدە ئىككى يىل داۋاملاشقان ھەمدە غەززەدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن قىرغىنچىلىق ئاخىرىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتا قۇرۇش چىقىمىنىڭ تەخمىنەن 70 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.





















