ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇيېڭى بىر تەتقىقاتتا، كۈندۈزى ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇش راك كېسىلىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
 ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشخانىدا قىسقا يول يۈرۈش ياكى ئۆي ئىشلىرى قاتارلىق يېنىك پائالىيەتلەرمۇ بۇ خەۋپنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.

گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كۆزەتكەن. «Plos Medicine» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، ئويغاق تۇرغان ۋاقىتتا ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇش ياكى يېتىش راك كېسىلىدىن ئۆلۈش ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ھەرىكەتسىز قالغان ھەر بىر سائەت بۇ خەتەرنى تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈرىدىكەن.

بىراق تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھەرىكەتسىز دەقىقىلەرنى جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن بۆلۈپ تۇرۇش قوغداش خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن. ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ساغلاملىققا ئىنتايىن زور پايدىلىق تەسىرى بار  ئىكەن.

يېنىك ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچى

تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى دوكتور فىرېدېرىك خو (Frederick Ho)، ھازىرقى ساغلاملىق قوللانمىلىرىنىڭ كۆپىنچە ئوتتۇرا ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى چېنىقىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ يېنىك ھەرىكەتلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدىكى «UK Biobank» تۈرىگە قاتناشقان 91 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تاقىغىلى بولىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، قاتناشقۇچىلارنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىل كۆزەتكەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى ئارتۇقچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر بىر سائەتلىك ھەرىكەتسىزلىكنىڭ راك كېسىلىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى %  10 ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ھەرىكەتسىز ئۆتكەن ۋاقىتلارنى ھەرىكەت بىلەن ئالماشتۇرۇش خەتەرنى تۆۋەنلىتىدىكەن. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا:

ھەر كۈنى بىر سائەتلىك ھەرىكەتسىزلىك ئورنىغا كىيىم دەزماللاش ياكى قاچا-قۇچا يۇيۇشقا ئوخشىغان يېنىك جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش، راك كېسىلىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى % 12 تۆۋەنلىتىدىكەن.

كۈندىلىك 30 مىنۇتلۇق ھەرىكەتسىزلىكنى ئوتتۇراھال سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش بىلەن ئالماشتۇرۇش خەتەرنى % 8 تۆۋەنلىتىدىكەن.

بەش مىنۇتلۇق ھەرىكەتسىزلىكنىڭ ئورنىغا بەش مىنۇتلۇق ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتنى قوشۇش بولسا خەتەرنى % 22 تۆۋەنلىتىدىكەن.

بۇ تەتقىقات كۆزىتىشكە ئاساسلانغان ئىستاتىستىكىلىق ئانالىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق بىر سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئولتۇرۇش ۋاقىتلىرىنى بۆلۈشكە قارىتىلغان خاس ئىستراتېگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى