ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىتنى قويۇپ بېرىدىكەن
ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تەمىنلەش مەنبەسىدىكى كاشىلا تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ كەتكەن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىت چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆرلەپ كەتكەن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە يېڭى قەدەملەرنى تاشلىماقتا. ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تەمىنلەش مەنبەسىدىكى كاشىلا تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ كەتكەن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىت چىقىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئېنېرگىيە مىنىستىرى كرىس رايت چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن ئەتىگەن سائەتلەردە، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىغا ئەزا 32 دۆلەت، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئېنېرگىيە باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ زاپاس ساقلانمىلىرىدىن ماس قەدەمدە 400 مىليون ۋارىل خام نېفىت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشنى بىردەك ماقۇللىدى» دېدى. ئۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىت چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى، پىلانلانغان چىقىرىش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا بۇنى تاپشۇرۇشنىڭ تەخمىنەن 120 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايت ئامېرىكا ئېنېرگىيە ساھەسىنى قۇرۇقدىۋېتىش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەيىبلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپاس ساقلانمىلىرىنى كېلەر يىلى تەخمىنەن 200 مىليون تۇڭ ئەتراپىدا كۆپەيتىپ، چىقىرىلغان مىقداردىن %20 ئارتۇق قىلىپ تولۇقلاشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارغا ھېچقانداق چىقىم ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رايت ئىراننىڭ ئامېرىكا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى «مەقسەتلىك كونترول قىلىپ ۋە تەھدىت سېلىپ» كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ كۈنلەر ئاخىرلىشىۋاتىدۇ» دېدى.
ئەڭ چوڭ زاپاس چىقىرىش ھەرىكىتى
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زور تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە نېفىت زاپاسلىرىنى چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاگېنتلىق ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىلاردىن 400 مىليون ۋارىل نېفىتنىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ بۇ، تەشكىلاتنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ماس قەدەملىك بازارغا سېلىش ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ.
ئامېرىكا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە شىمالىي غەربىي ئاسىيادىن 30 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپاس ساقلانمىسىدا تەخمىنەن 415 مىليون ۋارىل نېفىت بارلىقى، بۇنىڭ بېكىتىلگەن سىغىمى بولغان 714 مىليون ۋارىلنىڭ تەخمىنەن %58 تىگە توغرا كېلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دوگ بۇرگۇم ۋاشىنگتوننىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ھەرىكىتىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق قارارىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پىرېزىدېنتقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى ئاشكارىلىغان ئىدى.