نيۇ يوركتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك ئىشتاتىدا بىر بەزمىخانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 10 كىشى يارىلاندى.
نيۇ يوركتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى / TRT Global
نيۇ يورك ئىشتاتىنىڭ كۇئىنس رايونىدىكى بىر بەزمىخانىغا كىرگەن ئىككى گۇمانلىق شەخس ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقاردى.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قوراللىق ھۇجۇمدا 10 كىشى يارىلانغان، زوراۋان قېچىپ كەتكەن.
ۋەقەدىن كېيىن رايونغا ساقچى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.
تۈنۈگۈنمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ ئورلېيان شەھىرىدە ماشىنىسى بىلەن خەلق توپىغا ئېتىلىپ كىرىپ ئوق چىقارغان ھۇجۇمچى 15 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.