كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو: كانادانىڭ ئامېرىكاغا قوشۇلۇشىنىڭ كىچىككىنىمۇ ئېھتىماللىقى يوق

ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قوشۇلۇشىنىڭ «كىچىككىنە ئېھتىماللىقىمۇ يوق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

#NKO81 : ترۇدېئو ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مار-ا-لاگۇغا باريدۇ / AFP

ترۇدو ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئامېرىكانىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كانادانىڭ ئامېرىكاغا قوشۇلۇشى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

كانادانىڭ ئامېرىكاغا قوشۇلۇشىنىڭ «كىچىككىنە ئېھتىماللىقىمۇ يوق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترۇدو، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىرى سۈپىتىدە يىللاردىن بۇيان بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ 6-يانۋار كۈنى ئوتتاۋادا ئۆتكۈزگەن مەتبۇئات يىغىنىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال پارتىيە يېڭى رەھبىرىنى سايلىغاندىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ترامپ بۇرۇن كۆپ قېتىم كانادانىڭ ئامېرىكاغا 51-ئىشتات سۈپىتىدە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانىدى.

كانادالىقلارنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ يەنە، ترۇدو ئۈچۈنمۇ كۆپ قېتىم «ۋالىي» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنىدى.

ترامپ كانادانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا زۆرۈر بولغان چوڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىئانە-ياردەملەرنى ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ترۇدونىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.