تۈرك دۇنياسى
4 مىنۇت ئوقۇش
ئەلىيېۋ: «5 يىل ئىچىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ»
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن باشقا ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ باھالىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئەلىيېۋ: «5 يىل ئىچىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ»
ئەلىيېۋ: «5 يىل ئىچىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى، تىرانسپورت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورتى ۋە كانچىلىق ساھەسىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە سۆز قىلدى. مۇقىم ئىقتىساد شۇنداقلا مۇستەقىل پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئەزەربەيجاننى ئىشەنچلىك ھەمراھ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەلىيېۋ: «ئەزەربەيجانغا ئاخىرقى 20 يىلدا يېرىمى بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى بولۇپ، تەخمىنەن 350 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىندى» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئېشىش ئۈچۈن نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن باشقا ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەلىيېۋ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ بۇ نۇقتىدىن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ كاسپىي دېڭىزىدىكى ساھەسىدە 157 گىگاۋاتلىق ئېنېرگىيە يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەلىيېۋ، بۇنىڭغا نۆۋەتتە ئىشقا كىرىشكەن قۇرۇقلۇق قۇياش ۋە شامال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭمۇ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئەلىيېۋ: «نىشانىمىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشتا تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە بۇ زاپاسنى ئېكسپورت ئۈچۈن ئىشلىتىش. ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ» دېدى.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ پەقەت ئىشلەپچىقىرىشتىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، يەتكۈزۈش ۋە ساقلاش سىغىمىنىڭمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەلىيېۋ، نۆۋەتتە 250 مېگاۋاتلىق ساقلاش سىغىمىغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭ بولسا پەقەتلا باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم بىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ، نېفىت، تەبىئىي گاز، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئوغۇتتىن سىرت، بولۇپمۇ ياۋروپا بازىرىغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەلىيېۋ: «بولۇپمۇ ياۋروپا بازىرىغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشمۇ ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىنى، ئالاقىنى ۋە ئۆزئارا تايىنىشنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

ئىقتىسادنىڭ يەنە بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، تىرانسپورت ۋە ئالاقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋ، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان بۇ ساھەدە خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ فىزىكىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرغانلىقىنى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بىر سودا مۇھىتى ياراتقانلىقىنى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەلىيېۋ، دۆلەتنىڭ دېڭىز قىرغىقى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تىرانسىت دۆلىتى بولالىشىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلىيېۋ تىرانسىت تىرانسپورتنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆمۈر يوللار، دېڭىز پورتلىرى، ھاۋا يۈك تىرانسپورتى ۋە تاشيوللارغا زور مەبلەغ سالغانلىقلىرىنى ئەسلەتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ ھەم شەرق-غەرب ھەمدە شىمال-جەنۇب قاتناش لىنىيەلىرىدە ئاكتىپ شەكىلدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسلەرتكەن ئەلىيېۋ، تىرانسىت يۈك تىرانسپورتىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئەلىيېۋ: «ئەزەربەيجان ئارقىلىق تىرانسىت يۈك توشۇش مىقدارى بۇ يىل 16 مىليون توننىغا يېتىدۇ. نىشانىمىز، 2030-يىلىغىچە ھەم شەرق-غەرب ھەمدە شىمال-جەنۇب لىنىيەلىرىدە 25 مىليون توننىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەككە يېتىشتۇر» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت كاۋكاز دۆلىتى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تىرانسپورت جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەنمۇ بىرلىشىۋاتقان بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ، تىرانسپورتنىڭ باشقۇرۇلۇشى، رەقەملەشتۈرۈلۈشى، تاموژنا باشقۇرۇشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوچۇق بەلگىلىمىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يېڭى يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى ۋە كانچىلىق سېلىنمىلىرى

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت سىغىمىنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتقان ئەلىيېۋ، يېڭى يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، نۆۋەتتىكى لىنىيەلەرنى كېڭەيتىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كانچىلىقنىڭمۇ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساھەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئەلىيېۋ، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى كانچىلىق ساھەسىدە دۆلەت پىروگراممىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

«كېلىشىملەرنىڭ بىرەر سۆزىمۇ ئۆزگەرتىلمىدى»

ئەلىيېۋ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ ئەزەربەيجان ئىقتىسادىدىكى مۇھىملىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ساھەدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بايلىقنىڭ قايتىدىن سېلىنمىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجاننىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىسىدىن ئىشەنچلىك بىر ھەمراھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋ: «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغان سېلىنمىلار ۋە 30 يىل ئىلگىرى ئىمزالانغان كېلىشىملەر تېخىچە تولۇق قوغدىلىۋاتىدۇ. بىرەر سۆزىمۇ ئۆزگەرتىلمىدى ۋە بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشىمىزدىكى ئامىللاردىن بىرى ئىدى» دېدى.

ماناتنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۆزگەرمىدى

ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي پۇلىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ: «2017-يىلى ئاپرېلدا 1 دوللار 1,7 مانات ئىدى، بۈگۈنمۇ شۇنداق. مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ، چۈنكى سودا تەڭپۇڭلۇقىمىز ياخشى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئەلىيېۋ خەۋپسىزلىكنىڭمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىسىدىن مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەزەربەيجاننىڭ بىخەتەر بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايەت نىسبىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى