غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىن 41 كىسەللىكى ئېغىر بىمارنى داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكىدى
ب د ت ئەمەلدارلىرى غەززەدىكى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئاياللار، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە كېسەللىكى ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئاچلىق ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىن 41 كىسەللىكى ئېغىر بىمارنى داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكىدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىن 41 كىسەللىكى ئېغىر بىمارنى داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكىدى / Reuters

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىن 41 كېسەللىكى ئېغىر بىمار ۋە 145 ھەمراھىنى داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكەشكە يېتەكچىلىك قىلغان بىر پەيتتە، ب د ت ئەمەلدارلىرى خارابىلىككە ئايلانغان بۇ رايوننى «قورقۇنچلۇق كىنو مەيدانى» غا ئوخشاتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم گېبرېيېسۇس X سۇپىسىدا بايانات بېرىپ، غەززەدە تەخمىنەن 15 مىڭ بىمارنىڭ يۆتكىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە «داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكەشنى تېزلىتىشقا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىشقا ۋە بارلىق يوللارنى ئېچىشقا داۋاملىق چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

يۆتكەلگەن بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىككى يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا يارىلانغان كىشىلەر بولۇپ، قالغانلىرى راك ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق رايوندىكى ۋەيران بولغان سەھىيە سىستېمىسى داۋالاشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىدى.

ئۇرۇش جەريانىدا غەززەدىن 7000 دىن ئارتۇق بىمار يۆتكەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى مىسىر قوبۇل قىلغان. ئەمما، ئىسرائىلىيەنىڭ 2024-يىلى 5-ئايدا رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېلىشىدىن قىلىشىدىن كېيىن، يۆتكەش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ب د ت نوپۇس فوندىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئاندرېۋ سابېرتون غەززەدىكى ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئانىلار ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سابېرتون بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «غەززەدە كۆرگەنلىرىمگە ھەرگىز تەييار ئەمەس ئىدىم - ھېچكىم تەييار بولالمايدۇ. ۋەيرانچىلىقنىڭ دەرىجىسى قورقۇنچلۇق كىنو مەيدانىغا ئوخشايتتى. باشقىچە تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس. غەززە ۋەيران بولدى» دېدى.

سابېرتون غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ %94 ىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بالدۇر تۇغۇلغان ۋە تۇغۇلۇش ئېغىرلىقى تۆۋەن بوۋاقلار ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن %70 ىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەر ئۈچ ھامىلىداردىن بىرى يۇقىرى خەتەرگە ئىگە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «بىر ئۈمىد نۇرى» ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان سابېرتون، قايتا باشلانغان ھۇجۇملارنىڭ ئائىلىلەرنى «يەنە قورقۇنچقا ئىتتىرگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

 

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى