خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى كۇۋەيتتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا چوڭ زىيانلارنى سالدى
كۇۋەيت مەسئۇلللىرى ئىرانغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىككى ئېنېرگىيە ۋە سۇ تاتلىقلاش ئەسلىھەسىنى نىشانلىغانلىقىنى، ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى ۋە ئىككى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنى ئىشتىن توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى كۇۋەيتتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا چوڭ زىيانلارنى سالدى
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى كۇۋەيتتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا چوڭ زىيانلارنى سالدى / AA

كۇۋەيت ئارمىيەسى ئىراننىڭ پايتەختتىكى دۆلەت ۋە نېفىت ئەسلىھەلىرىگە زىيان سالغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتلىرىگە قارشى ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيت مەسئۇللىرى يەكشەنبە كۈنى ئىرانغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ دۆلەتتىكى ئىككى ئېنېرگىيە ۋە سۇ تاتلىقلاش ئەسلىھەسىنى ئۇرغانلىقىنى، ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە ئىككى توك ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنى ئىشتىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۇۋەيت ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىز نۆۋەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى قوللاندى.

باياناتتا ئاڭلانغان پارتلاشلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ توسۇش ھەرىكەتلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۇۋەيت مالىيە مىنىستىرلىقى ئىرانغا تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كۇۋەيت شەھىرىدىكى مىنىستىرلىقلار بىنالار توپلىمىدا چوڭ ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق ھۇجۇمنىڭ شەنبە كۈنى كېچىدە پايتەختتىكى بىنالار توپلىمىنى نىشانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار تەستىقلانغان تەرتىپلەر بويىچە ۋەقەگە تېزلىكتە ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى مۇلازىمەت خادىملىرى ئۆيىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان بولسا، بىۋاسىتە خىزمەت قىلىشنى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىلەن قايتا باشلاش پىلانلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Radioactive fallout will end life in GCC capitals, not Tehran: Iran's Araghchi

رايون جىددىي ۋەزىيىتى كۈچەيمەكتە

كۇۋەيت نېفىت شىركىتى يەنە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت مىنىستىرلىقى ۋە باش شتابى جايلاشقان شۇۋەيخ نېفىت رايونىدىكى بىنالار توپلىمىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى، جىددىي ئەھۋال ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ئوتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى باشلىغان ئورتاق ئۇرۇشىدىن كېيىن رايوندا جىددىي ھالەت داۋاملاشماقتا.

ئۇرۇشتا ھازىرغىچە دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق ئىرانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى قىلىپ جاۋاب قايتۇردى.

ھۇجۇملار ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان سالدى ھەمدە يەر شارى بازارلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە پائالىيەتلىرىدە ئاقساشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى