خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران چەت ئەللىكلەرنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىغا يېقىن جايلاردا ئولتۇراقلىشىشىنى مەنئى قىلدى
ئىران چەت ئەللىكلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا تۇرۇشى ۋە ئىشلىشىنى مەنئى قىلدى.
ئىران چەت ئەللىكلەرنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىغا يېقىن جايلاردا ئولتۇراقلىشىشىنى مەنئى قىلدى
#NHP81: ئېلىمانىيە گېرمانىيە-ئىراندىن بولغان يەمشىت شەرمەھەدنىڭ ئېدىمىغا جاۋاب قاياتتۇرۇپ، ئۆز زېمىنىدىكى ئۈچ ئىران باش قونسۇلخانىسىنى تاقايدۇ / AFP

ئىران يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسى جايلاشقان بۇشەھر شەھىرىدە يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەللىكلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئىستانسىغا 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تۇرۇشى ۋە ئىشلىشىگە چەكلىمە قويدى.

ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇشەھرنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى ئېھسان جىھانيان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «چەت ئەللىكلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ بۇشەھر يادرو ئىستانسىسىنىڭ 5 كىلومېتىر ئەتراپىدا ۋە بۇ ۋىلايەتنىڭ گەناۋە، دەيلەم ھەمدە ئاسەلۇيە ناھىيەلىرىدە چەت ئەللىكلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئىشلىشى ۋە تۇرۇشى مەنئى قىلىندى» دېدى.

بارلىق چەت ئەللىكلەر ۋە مۇساپىرلاردىن مەزكۇر ناھىيەلەرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلغان جىھانيان، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىقامەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جىھانيان يادرو ئىستانسىسىغا يېقىن مەھەللىلەردە تۇرۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان مۇساپىرلار ھەققىدە توختىلىپ: «يادرو ئىستانسىسىنىڭ 5 كىلومېتىر يېقىن ئەتراپىدا چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىشلىشى ۋە تۇرۇشى چەكلەنگەچكە، مۇساپىرلارنىڭ بۇشەھردىكى ھەلىلە ۋە بەندەرگاھ قاتارلىق رايونلاردا تۇرۇشى ۋە ئىشلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ