دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەدىن بىمارلارنى يۆتكەشكە جىددىي ئېھتىياج بار
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەدە 12 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنى باشقا جايلارغا يۆتكەشكە جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.
گېبرېيۇس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 2024-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدىكى بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە شېرىكلىرىنىڭ غەززەدىكى تۆت كېسەلنى ئىيوردانىيەگە، ئالتە كېسەلنى ئامېرىكاغا يۆتكەشكە ياردەم قىلغانلىقىنى، بۇ كېسەللەرنىڭ بۇ يەرلەردە ئالاھىدە داۋالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«غەززەدە يەنىلا 12 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنى يۆتكەشكە جىددىي ئېھتىياج بار.
ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىش، بىمارلارنى يۆتكەش باسقۇچىنى تېزلىتىش ھەمدە بۇ جەرياندا بىمارلارنى بارلىق كارىدورلار ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىقىمىز.»