غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر ھۇجۇملىرى ۋە ۋەيرانچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇدا 3 يىلغا يېقىن مائارىپتىن مەھرۇم قالغان 541 مىڭ ئوقۇغۇچى، خارابىلىكلەر ئىچىدە تەييارلانغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاردا يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى.
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى

ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا، غەززە رايونىدا 3 يىلغا يېقىن مائارىپتىن يىراق قالغان 541 مىڭ ئوقۇغۇچى، كۆپىنچىسى ۋەيران بولغان ياكى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن مەكتەپلەرنىڭ ئورنىغا تەييارلانغان ئوقۇش رايونلىرىدا يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى.

غەززەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇرۇشنىڭ ئىزلىرى تېخى ئۆچۈرۈلۈپ كەتمىگەن خارابىلىكلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئوقۇش رايونلىرىغا يېتىپ بارماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاساسلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا قايتىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

ئەتىگەن تەرەپلەردە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ۋەيران بولغان بىنالار ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان يوللار ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئوقۇش مەركەزلىرىگە باردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك يېڭى مەكتەپ فورمىلىرىنى كىيەلمىدى، سومكا ۋە باشقا كېرەكلىك بويۇملارنى كۆتۈرەلمىدى.

غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇرۇش يىللىرىدا كىرىم مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، بازاردىكى ئىنتايىن چەكلىك بولغان ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىمۇ سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

غەززەدىكى مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، بالىلارنىڭ ئارىدىن 3 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن «ۋەيرانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ئوقۇشقا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ «ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا» باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتلەرگە قارىماي، مائارىپ مۇساپىسىنىڭ قايتا جانلىنىشىنىڭ ئۈمىدۋارلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. باياناتتا: «مائارىپ ھاياتلىقنىڭ، شەرەپنىڭ ۋە كەلگۈسىنى قايتا قۇرۇشنىڭ مەيدانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

غەززەدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇش نۇقتىلىرى ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەردە دەرس باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەت مەكتەپلىرىدىمۇ ئوقۇش باشلاندى. يېڭى ئوقۇش مەزگىلى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) غا قاراشلىق مەكتەپلەردىمۇ داۋاملاشماقتا.

مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى جەمئىي 700 يۈزتۇرانە ئوقۇش نۇقتىسىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ۋە بۇ مەركەزلەرنىڭ 500 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىنىستىرلىقنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن 541 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرقى ئىمكانىيەتلەر دائىرىسىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

غەززەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 يىلغا يېقىن مائارىپتىن يىراق قېلىشى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىدە ئېغىر بوشلۇق پەيدا قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئوقۇش زىيىنى «بىر پۈتۈن ئەۋلادنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) مۇ غەززەدىكى تەخمىنەن 700 مىڭ بالىنىڭ 2026-يىلى ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تەخمىنەن 3 ئوقۇش يىلى بويىچە دائىملىق يۈزتۇرانە ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، ئوقۇش ماتېرىياللىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش رايونلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا قايتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
ئەراقچى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن: «بۈگۈن ئېلىنغان قارارلار ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلەيدۇ»
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم  ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى