خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
يەمەندىكى ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئارخىپ: رىيادتىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يېقىلغۇ ساقلاش رايونىدىن قويۇق قارا ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلمەكتە. / Reuters

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى چارشەنبە كۈنى سەھەردە X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قىسىملىرىنىڭ رىيادتىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھۇجۇمنىڭ «نىشانغا دەل تەگكەنلىكى»نى ۋە ئايرودۇرۇمدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا كاشىلا پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سەرى يەنە ھۇسىي قىسىملىرىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ، ئەبھا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىلەن خەمىس مۇشەيت ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قارشى ئىككى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئايرودۇرۇمدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا كاشىلا پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە ھەربىي بازىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

سەرى ئايرىم بىر باياناتىدا، ھۇسىيلارنىڭ جىزاندىكى داغارىر (Dagharir)، ئەسىردىكى ئاقىیفە (Aakifah)  ۋە جىزاندىكى ئەلمەۋسىم (Al-Mawsim) دىن ئىبارەت ئۈچ ھەربىي لاگېرغا كۆپ ساندىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ رىياد رايونىغا قارىتىپ قويۇپ بەرگەن بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھاۋادا توسۇپ يوق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشمە قىسىم باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى تۈركى ئەلمالىكى X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچى ھۇسىي قوراللىقلىرى» قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ رىيادنىڭ شىمالىدا توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلمالىكى يەنە بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ يەمەن پايتەختى سانا ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئىز قوغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىسى ئارقىلىق سانا ئاسمىنىدا ئىز قوغلاۋاتىمىز ۋە ئۇنى يوقىتىمىز» دېدى.

ھۇسىيلار ئىيۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا دېڭىز قامالى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇ ئايدا يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش قايتا ئەۋج ئالغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار قايتا باشلاندى.

يەمەن ھۇسىيلار 2014-يىلى پايتەخت سانا ۋە بىر قانچە رايوننى ئىگىلىۋالغاندىن بۇيان توقۇنۇش ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ 2015-يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئارىلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى