ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا خەلقئارالىق نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
رايون رەھبەرلىرى، ئامېرىكا ھەم ئەنگلىيەدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاشىنگتوننىڭ «كەڭ كۆلەملىك» ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رايون رەھبەرلىرى، ئامېرىكا ھەم ئەنگلىيەدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاشىنگتوننىڭ «كەڭ كۆلەملىك» ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ چانارلىشىپ كېتىشى ۋە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، خەلقئارا مىقياستا كۈچلۈك ئەيىبلەش دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلدى؛ ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياۋروپادىكى رەھبەرلەر ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قارىتا «كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت» ئېلىپ بارغانلىقىنى، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو بىلەن رەپىقىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلىتىدىن ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ جاكارلاش رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر، چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قوزغىدى.
«ئامېرىكانىڭ جىنايەت خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرى»
كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز كانېل ھۇجۇملارنى «ئامېرىكانىڭ جىنايەت خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرى» دەپ ئەيىبلەپ، دەرھال خەلقئارالىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«رايونىمىز ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ، جەسۇر ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلىنغان دۆلەت تېررورىزمى ھېسابلىنىدۇ.»
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېزمۇ قايتا – قايتا نارازىلىق بىلدۈرپ، ھۇجۇملارنى «ئامېرىكاغا ياكى باشقا بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلمىغان بىر مىللەتكە قارىتا قىلىنغان نامەردلەرچە قىلمىش» دەپ ئاتىدى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستافو پېترو «ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ياكى پۇقرالارنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتنى» رەت قىلدى. پېترو باشقا بىر باياناتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرغانلىقىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى كولومبىيە چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇساپىرلار ئېقىمىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئىچىدىكى تەنقىدلەر
ئامېرىكا ئىچىدە نۇرغۇنلىغان دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرى بۇ ھۇجۇملارنى قانۇنسىز ۋە ھوقۇق بېرىلمىگەن ھەربىي ھەرىكەت دەپ تەنقىد قىلدى. پالاتا ئەزاسى رۇبېن گاللىگو مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ «ھاياتىدا كۆرگەن ئىككىنچى ناھەق ئۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ۋاشىنگتوننى زۆرۈر بولمىغان بىر توقۇنۇشقا داخىل بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ: «ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق» دەپ يازدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرنمۇ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىسىز ۋە خەلقنىڭ قوللىشىسىز ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بايلىقلار نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلمەي، چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ؟»
ئەنگلىيە پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە چاقىردى
ئەنگلىيەدە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى بۇ قىلمىشنى مۇستەقىل بىر دۆلەتكە قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇم دەپ ئاتاپ، ھۆكۈمەتنى بۇنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. مۇستەقىل پالاتا ئەزاسى زارا سۇلتانا بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ غايەت زور نېفىت زاپىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇملارنى بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش ۋە «بايلىقلىرىنى بۇلاش» نى مەقسەت قىلغان «ئوچۇق-ئاشكارا ئامېرىكا ئىمپېرىيالىزمى» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇملارنى «قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق» قىلمىشى سۈپىتىدە ئەيىبلىدى ۋە ۋاشىنگتون ئوتتۇرىغا قويغان باھانىلەرنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ۋە موسكۋانىڭ «دىيالوگ ئارقىلىق» ھەل قىلىش چارىلىرىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سوغۇققان بولۇش چاقىرىقىدا بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ سوغۇققان بولۇش چاقىرىقىدا بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسئۇلى كايا كاللاس ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىتتىپاقنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كاللاس مادۇرونىڭ «قانۇنلۇق سالاھىيىتى يوق» دېگەن پوزىتسىيەسىنى تەكرارلاپ، ۋېنېزۇئېلادا تىنچلىق ئىچىدە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «ھەرقانداق ئەھۋالدا خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت ئاساسىي شەرتنامىسىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى، جىددىيچىلىكنىڭ دائىرىسىنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشى ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئارىلىشىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش چاقىرىقلىرى داۋاملاشماقتا.