قۇرتۇلمۇش باكۇدا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى
تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قۇرتۇلمۇش باكۇدا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتىنۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ 20-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا.
قۇرتۇلمۇش باكۇدا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ 20-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى ساھىبە غافاروۋا بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ھەيدەر ئەلىيېۋ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقنى «شۇشا خىتابنامىسى» روھى بويىچە بارلىق ساھەلەردە كۈچەيتىش ئىرادىسى تەكىتلەندى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ھىندونېزىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن غافاروۋانى تەبرىكلەپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ 20-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ خەيرلىك نەتىجىلەرنى بېرىشىنى تىلىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى