گوللاندىيە پارلامېنتى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى
گوللاندىيە پارلامېنتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتاياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.
گوللاندىيە پارلامېنتى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

گوللاندىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2025-يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان جەرياندا، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ئاۋاز كۆپلۈكى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، ھۆكۈمەتتىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ قارارنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ گوللاندىيەنىڭمۇ مەزكۇر قارارنى ئىجرا قىلىشى ۋە نېتانياھۇ بىلەن مۇھىم بولمىغان بارلىق ئالاقىلەرنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

گوللاندىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان يەنە بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە بولسا، غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقى يوسسى داگانغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگولىرىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

يوسسى داگان گوللاندىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچى رەھبەر گېرت ۋىلدېرسنى دېكابىردا غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز تەسىس قىلىنغان يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزۈشى پىلانلانغان پىروگراممىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 21-دېكابىر «غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» سەۋەبىدىن، نېتانياھۇ بىلەن گاللانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز