خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ئېلى ئولتۇراق رايونىدا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا.
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا / Reuters

ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ئېلى ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆلىمىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۈچ ھەسسە چوڭايتىشى كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى بەزالەل ئېسموترىچ  ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراشلىق نابۇلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئېلى (Eli) ئولتۇراق رايونىدا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ رايون قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «Channel 14» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېسموترىچ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق مەيدانلىرى ۋە تۇرالغۇ ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېسموترىچ تۇرالغۇلارنىڭ بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقدىكى بىنيامىن رايونلۇق كېڭەش چېگراسى ئىچىدە ئورۇن ئالغان قانۇنسىز ئېلى ئولتۇراق رايونىدا قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ ھەسسە كېڭىيىش

«Channel 14» قانىلى پىلانلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن قانۇنسىز ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۈچ ھەسسە چوڭېيىدىغانلىقى ۋە مىڭلارچە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن دائىرىلىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىرغاق مىقياسىدا 141 قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى ۋە 224 كۆچۈش ئورنىدا تەخمىنەن 750 مىڭ قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن ياشايدىكەن.

پەلەستىن تام ۋە ئولتۇراق رايونلارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ 2026-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پەلەستىنلىكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۈلۈكلىرىگە قارىتا 3 مىڭ 488 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

كومىتېت، ھۇجۇملاردا 17 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىنلىك مەسئۇللار قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە كۆچمەنلەر ھۇجۇملىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى رەسمىي ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارنامىلىرىدا كۆزدە تۇتۇلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى ئىمكانىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا