خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى ئۇكرائىنانىڭ دونباستىن چېكىنىشىگە باغلىماقتا
زېلېنسكىي: «ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى بىزنىڭ دونباستىن چېكىنىشىمىزگە باغلىماقتا» دېدى.
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى ئۇكرائىنانىڭ دونباستىن چېكىنىشىگە باغلىماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى ئۇكرائىنانىڭ دونباستىن چېكىنىشىگە باغلىماقتا / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ26-كۈنى

ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نىشانلىرى ئۆزگەرگەن بىر پەيتتە، كىيېۋ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى بەدىلىگە شەرق تەرەپتىكى زېمىنلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

ئۇكرائىنا پېرىزېدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن سۇنغان بىخەتەرلىك كاپالىتى تەكلىپىنى كىيېۋنىڭ دونباسنىڭ شەرق رايونىنى رۇسىيەگە تولۇق قالدۇرۇپ بېرىشىگە باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي ۋاشىنگتوننىڭ 2022-يىلى باشلانغان ئۇرۇشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاخىرلىشىشىنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىناغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نىشانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئوتتۇرا شەرق جەزمەن ترامپقا تەسىر قىلىۋاتىدۇ... ئۇ يەنىلا ئۇكرائىنا تەرەپكە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىش ئىستراتېگىيەسىنى تاللاۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بۇ يىل ئەبۇزەبى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) ۋە جەنۋەدە ئۈچ قېتىم ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئېلىپ باردى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئېھتىياجىنى كىمنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ كەلگۈسىدىكى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تۈپ مەسىلىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكىلىقلار ئۇكرائىنا دونباستىن چېكىنىشكە تەييار بولغاندا، بۇ كاپالەتلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدە يەكۈنلەشكە تەييار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

رۇسىيە دونباسنىڭ تولۇق كونتروللۇقىنىڭ ئۇرۇش نىشانلىرىنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بىراق ئانالىزچىلار بۇ يۆنىلىشتىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

زېلېنسكىي مەزكۇر چېكىنىشنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپانى ئاجىزلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ شەرق قىسمىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىنى ئىنتايىن خالايمەن» دېدى.

سۆھبەتلەر ئېنىق ئەمەس

سۆھبەتنىڭ تۆتۈنچى باسقۇچى ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى.

زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ مۇزاكىرىلەر توختاپ قالغان تەقدىردە ۋاشىنگتون قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولدى.

زېلېنسكىي: «مەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بىرى ئەمەسمەن... ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل يۆنىلىشتىن قارايدۇ» دېدى ھەمدە پاترىئوت (Patriot) باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ ئەۋەتىلىشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا رەھمەت ئېيتسىمۇ، تەمىنلەشنىڭ يەنىلا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟