پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

ئىسلامئاباد ھۇجۇملارنىڭ پاكىستان تالىبانلىرى (ت پ گ) جەڭچىلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ئافغانىستان تالىبانلىرى پاكىستان ھۇجۇملىرىنىڭ كابۇلنى ۋە چېگرا ۋىلايەتلىرىدىكى ئۆي-ماكانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

By
پاكىستان ئارمىيىسى كابۇل ۋە چېگرا ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە. (ئارخىپ) / Reuters

ئافغانىستان دائىرىلىرى پاكىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە ۋە بەزى چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ كابۇل ساقچى تەرەپ باياناتچىسى خېلىل زادران ئافغانىستان پايتەختىدىكى ئۆيلەرگە قىلىنغان بومباردىماندا تۆت كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پاكىستانلىق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى پاكىستاننىڭ كېچىچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە نىشانلارنىڭ پاكىستان تالىبانلىرى (ت پ گ) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىسلامئاباد ئۆتكەن ئايدا قوشنىسى ئافغانىستانغا بىر يۈرۈش ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ پاكىستان ئىچىدىكى ھۇجۇملار كۆپەيگەندىن كېيىن قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كابۇلدىكى تالىبانلار رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت پاكىستاندىكى ھۇجۇملار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. تالىبان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد پاكىستاننىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ جەنۇبتىكى قەندىھار ۋىلايىتىگە، شۇنداقلا پاكىستان چېگراسىدىكى شەرق ۋىلايەتلىرىدىن پاكتىيا ۋە پاكتىكانى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان بولسا، ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئافغانىستان ۋە پاكىستان كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە چېگرا بويىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆزئارا سودا ئاقساپ قالدى ۋە چېگرا ئەتراپىدا ياشايدىغان پۇقرالار ئۆيلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى 26-فېۋرال بىلەن 5-مارت ئارىلىقىدا پاكىستاننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 24 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 56 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تەخمىنەن 115 مىڭ كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.