ئۇكرائىنانىڭ دىنىپروپېتروۋسك رايونلۇق ھەربىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئولېكساندىر گانژا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىنى نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 2 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 52 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە
ئۇكرائىنا دۆلەت جىددىي ئەھۋاللار مۇلازىمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىمۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن كېچە يەنە خاركوۋ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.














