خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ
خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار مەكتەپلەرگە، ساغلاملىق ئەسلىھەلىرىگە ۋە ئۆيلەرگە زىيان سالغان ھۇجۇملاردىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى. (ئارخىپ) / AP

ئامېرىكادىكى ئونلارچە خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئوچۇق مەكتۇپ ئىمزالاپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەپتە ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ۋە تۇز چەككىلەش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خارۋارد، يالې، ستانفورد ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوچۇق مەكتۇپىدا، ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتلىرى «يوشۇرۇن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جەھەتتە ئېغىر ئەندىشە قوزغىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەكتۇپتا ترامپنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا» ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى باياناتى ھەمدە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېتنىڭ مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكانىڭ «ئەخمەقلەرچە تۇقۇنۇش قائىدىلىرى»گە ئاساسەن ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر مەكتۇپىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىغا ھەر كۈنى 1-2 مىليارد دوللارغىچە چىقىم ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇرۇش رايوندىكى پۇقرالارغا زور تالاپەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، پۈتۈن يېقىن شەرق بويىچە يۈزلەرچە پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ب د ت ئەھدىنامىسىگە، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ھەر ۋاقىت جىددىي رىئايە قىلىشقا، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خەلقئارا قانۇن نورمىلىرىغا بولغان ساداقىتى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشكارا بايان قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەزكۇر مەكتۇپ «Just Security» سىياسەت ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. مۇتەخەسسىسلەر ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىراندا بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى مىسال قىلىپ، مەكتەپ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھۇجۇملاردىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«ئىنسان قېلىپىدىن چىققان» سۆز-ئىبارىلەر

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئىرانغا «ئىنتايىن قاتتىق» زەربە بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئالدىمىزدىكى ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئۇلارغا ئىنتايىن كۈچلۈك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان تاش قوراللار دەۋرىگە قايتۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق بىر مۇسۇلمانلار ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى ترامپنىڭ ئىراننى «تاش قوراللار دەۋرىگە قايتۇرۇش» تەھدىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ «ئىنسان قېلىپىدىن چىقىش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەيىبلىدى.

بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىراندا 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىران بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى