ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى يېنىكلەتتى
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدىكى ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە يېڭى بىر ئىجازەتنامە ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى يېنىكلەتتى
#NKH08 : سۈرىيە ئاساد كېيىنكى ئۆتكەل باسقۇچىدا / AFP

ئامېرىكا چەت ئەل مەبلەغلىرىنى كونترول قىلىش ئىدارىسى ئىجازەتنامە ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىكى مەمۇرى ئورگانلار بىلەن ئورنىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرگە، دۆلەتكە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، تەبىئىي گاز ۋە توك قاتارلىق ئېنېرگىيەلەرنىڭ سېتىلىشى، تەمىنلىنىشى، ساقلىنىشى ياكى ئىئانە قىلىنىشىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر ھەمدە سۈرىيە مەركىزىي بانكىسى ئارقىلىق قىلىنىدىغان سودىغا مۇناسىۋەتسىز شەخسىي پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە 7-ئىيۇلغىچە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 2024-يىلى 8-دېكابىردا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئىجازەتنامەنىڭ، ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەر، ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ تەمىنلىنىشى ياكى ئىنسانىي ياردەملەرگە توسقۇنلۇق قىلمايدىغان شەكىلدە قوللىنىلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسەد تۈزۈمىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە سالغان زۇلۇمى، تېررورلۇقنى قوللىشى ۋە رايوندىكى مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن سۈرىيەنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتكە ئايلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، جازا تەدبىرىدىن بەزى نۇقتىلارنى مۇستەسنا قىلىش ئارقىلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدۋار، بىخەتەر ۋە تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىشىنى قوللاش مەقسىتىدە توك، ئېنېرگىيە، سۇ ۋە تازىلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق مۇلازىمەتلەر ۋە ئاممىۋىي خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ كۆزلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر ئىجازەتنامىنىڭ ئەسەد ۋە ئەتراپىدىكىلەر، سۈرىيە ھۆكۈمىتى، سۈرىيە مەركىزىي بانكىسى ۋە شام ئازادلىق ھەيئىتى (ھەيئەتى تەھرىرىششام)گە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاللى ئادېيېمو مەزكۇر مەسىلىگە باھا بېرىپ: «بەششار ئەسەدنىڭ رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رەھىمسىز ۋە باستۇرۇش خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بەردى... بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋە مەسئۇلىيەتچان باشقۇرۇش قاتلىمىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز