تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتە تۈرك تىلىنىڭ بالقان رايونىدىكى يىلتىزى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورتېرتلار» كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

خەلقئارا بالقان ئۇنىۋېرسىتېتى (IBU) بىلەن بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۈسكۈپ شەھەرلىك مۇزېيدا ئېچىلغان كۆرگەزمىدە، بالقان رايونىدىكى تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دىققەت تارتىش نىشان قىلىندى. تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ پورترېتلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ كۆرگەزمە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتىن بىر مەشھۇر كۆرگەزمە دەپ ئاتالدى.

خەلقئارا بالقان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇتفى سۇنار مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، بۇ لايىھەنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

لايىھە مەسلىھەتچىسى سەيھان مۇرتېزانى: «بالقان رايونى تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بالقاندىكى ئىزلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

لايىھەنى ئىجرا قىلغۇچى سادات مادەن بولسا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ پورترېت سانىنى 100 گە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ باي تارىخىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى