ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى لىۋاندا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى لىۋاندا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىغا يېقىن جايدىكى ماشىنىغا تېگىپ نۇرغۇن ئۆسمۈرلەر يارىلاندى.
مەزكۇر ھۇجۇم لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىغا ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، 13 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن بىر قانچە سائەت كېيىن يۈز بەردى.
دۆلەتكە قاراشلىق «مىللىي خەۋەر ئاگېنتلىقى» (NNA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نەباتىيە رايونىغا قاراشلىق ئەتتىرى بازىرىدا بىر ماشىنىغا ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان؛ شۇ ۋاقىتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى بىر قانچىلىغان ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
«مىللىي خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ھۇجۇم يۈز بەرگەندە ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى نىشان قىلىنغان ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا كېتىۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر قانچە ئوقۇغۇچى ۋە ئاپتوبۇس شوپۇرى يارىلانغان.
ئاگېنتلىق يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ياكى يارىلىنىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.
بۇ ھۇجۇم، ئوخشاش بىر كۈندە بىر قانچە سائەت بۇرۇن لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا شەھىرىگە جايلاشقان ئەين ئەل ھىلۋە پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 13 كىشى قازا قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇمنىڭ لاگېر ئىچىدىكى بىر مەركەزنى ۋە بۇ يەردىكى ھاماس ئەزالىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئارمىيە نىشان قىلىنغان بۇ ئەسلىھەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يالغانلىرىنى رەت قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىى ھېزبۇللاھ ئەزالىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، لىۋان زېمىنىغا ھاۋا ھۇجۇۇملىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈچەيتىشى بىلەن، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جىددىي ۋەزىيەت بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ۋە 2024-يىلى سېنتەبىردە تولۇق كۆلەمدىكى ھۇجۇمغا ئايلانغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە لىۋاندا 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە تەخمىنەن 17 مىڭ كىشىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
2024-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بويىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ يىل يانۋاردا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن چېكىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئۇنىڭ ئورنىغا پەقەت قىسمەن چېكىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە بەش چېگرا پونكىتىدا تېخىچە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.