قاتار ھاۋا يوللىرى دەمەشققە قاتناش باشلايدۇ
قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2025-يىلى 7-يانۋاردىن باشلاپ دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
قاتار ھاۋا يوللىرى دەمەشققە قاتناش باشلايدۇ / TRT Uyghur
قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ قارارنىڭ رايونلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچۇشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە خىزمەت ئۆلچەملىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلغان.
قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى بەدر مۇھەممەد ئەلمېر سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشققە قايتا ئۇچۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
قاتارنىڭ دەمەشق ئەلچىخانىسى 2024-يىلى 21-دېكابىردا قايتا ئېچىلغان ئىدى.