خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ شىمالىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 8 خىتاي ئۆلدى
باياننۇر ئەتراپىدا بىر دەريا تېشىپ كېتىپ، لاگېر قۇرغان خىتايلارنى ئېقىتىپ كەتتى.
خىتاينىڭ شىمالىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 8 خىتاي ئۆلدى
خىتاينىڭ شىمالىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 8 خىتاي ئۆلدى / Reuters

بۇ ۋەقە بېيجىڭدىكى جان ئالغان يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كىلىمات كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەسىللىك يامغۇرنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولىشىدىن دەپ قارىماقتا.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز كەلكۈندە كەم دېگەندە سەككىز خىتاي ئۆلگەن، تۆت خىتاي يوقاپ كەتكەن. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي شەرقىي ئاسىيا پەسىللىك يالغۇرىنىڭ ئاتموسفېرانى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ تەسىرىدىن داۋاملىق تەۋرەنمەكتە.

شەنبە كۈنى تەخمىنەن سائەت 14:00 دە، ئىچكى موڭغۇلدىكى يايلاقتىن ئۆتىدىغان بىر دەريانىڭ قىرغاقلىرى تېشىپ كەتكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، باياننۇر شەھىرىگە يېقىن جايدا لاگېر قۇرغان 13 خىتاي كەلكۈنگە غەرق بولغان. بۇ دېھقانچىلىق مەركىزىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە بىر كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

خىتاي 7-ئايدىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى ھاۋارايىنىڭ دەردىنى تارتماقتا؛ نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن قاتتىق يامغۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا ۋە پەسىللىك يالغۇر شىمالدىمۇ، جەنۇبتىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئۆزگىرىشچان ئەندىزىنى كىلىمات كىرىزىسىغا باغلىماقتا؛ تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈنلەر مىڭلىغان كىشىنى ئۆي -ماكانىدىن ئايرىغان بىر پەيتتە، مىلياردلارچە دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كېلىش خەۋپىنىمۇ پەيدا قىلماقتا.

باياننۇر دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاشلىق ۋە ماي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپلا قالماي، يەنە قوي بېقىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى سۈپىتىدىمۇ تونۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Heavy rain, flooding leave 30 people dead in China's capital

ئۇزۇن بىر ئارىلىقتىن كېيىن، توشۇش قايتىدىن باشلاندى

دۆلەتنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە ئۈچ يېرىم ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان توشۇشنى توختىتىش قارارى شەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېھقانچىلىق دائىرىلىرى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن پاراخوتلارنىڭ پورتتا كۈتۈپ تۇرۇشىنى بۇيرۇغان.

ئىچكى موڭغۇلدىكى بۇ كەلكۈن ئاپىتى، تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېيجىڭدا ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ئەجەللىك يامغۇردىن كېيىن يۈز بەردى. بۇ يامغۇردا كەم دېگەندە 44 ئادەم قازا قىلغان ۋە 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۆتكەن ھەپتە 430 مىليون يۈەن (59.9 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى يېڭى بىر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش فوندى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى. 4-ئايدىن بۇيان ئاجرىتىلغان ئومۇمىي سومما كەم دېگەندە 5.8 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

مەنبە:trt global, TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
SpaceX ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىدىن قانداق ئورۇن ئالدى؟
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا