تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ياۋروپا غەربىي تىراكيا تۈرك فېدېراتسىيەسى (ABTTF) ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، گىرېتسىيەدە ئوقۇغۇچى سانىنىڭ يېتەرسىزلىكى باھانىسى بىلەن تۈرك ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى / Anadolu Agency (Wire)
 

ياۋروپا غەربىي تىراكيا تۈرك فېدېراتسىيەسى تۈركىيەدىكى بۈيۈكئادا رۇم باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 ئوقۇغۇچى بىلەن قايتا ئېچىلغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىلدى.

باياناتتا، ئىستانبۇل بۈيۈكئادادا 1999-يىلىدىكى مارمارا يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن تاقالغان خۇسۇسىي رۇم باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىككى يىل داۋاملاشقان رېمونت خىزمىتىدىن كېيىن قايتا ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنداقلا تۈركىيەدە 2013-يىلى گۆكچەئادادا 3 ئوقۇغۇچى بىلەن بىر رۇم مەكتىپىنىڭ، بۇ يىلمۇ بۈيۈكئادادا 4 ئوقۇغۇچى بىلەن رۇم باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقى مىسال كۆرسىتىلىپ، گىرېتسىيەدە تۈرك ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشى تەنقىد قىلىندى.

گىرېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى بىلەن 2026-2027-ئوقۇش يىلىدا غەربىي تىراكيادا يەنە 8 تۈرك ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتنىڭ لوزان كېلىشىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان مائارىپ ئاپتونومىيەسىگە ھۆرمەت قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تۈركچە ۋە گىرېكچە قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ ئېچىلىشى، ئىسكەچە تۈرك ئاز سانلىق مىللەت تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئۈچۈن يېڭى بىنا ئاجرىتىش ياكى سېلىش تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغانلىقى، شۇنداقلا مەكتەپ ھەيئەتلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ بارغانسېرى چەكلىنىپ، بەزى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەكتەپلەرگە كىرىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «غەربىي تىراكيا تۈرك ئاز سانلىق مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزدىن ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەردىن كېلىپ چىققان ھوقۇقلىرىمىزنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى، مائارىپ ئاپتونومىيەمىزگە ۋە ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى