خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنى مىناميوت بىلەن ئوققا تۇتتى
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ۋىلايىتىدىكى بەزى يېزىلارغا بىرونېۋىكلار بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئۆيلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنى مىناميوت بىلەن ئوققا تۇتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنى مىناميوت بىلەن ئوققا تۇتتى

سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەلئىخبارىييە» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى قۇنەيترانىڭ جەنۇبىدىكى برىكا يېزىسىغا ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن بېسىپ كىرگەن. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى رەسم ئەلئەجرەف يېزىسىدىكى ئۆيلەردىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە يەنە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشقنىڭ غەربىدىكى بەيت جىن يېزىسى بىلەن ئەتتىلال ئەلھۇمۇر رايونى ئوتتۇرىسىغا ئىككى دانە مىناميوت ئوقى ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەت ۋە مىناميوت ھۇجۇمىدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى ياكى مال-مۈلۈك تالاپىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى، سۈرىيە دائىرىلىرىمۇ تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ۋە دىرئە ۋىلايەتلىرى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ پات-پات ئېلىپ بارىدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم، تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش ۋە ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇش پائالىيەتلىرىگە سەھنە بولماقتا. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەڭ ئاخىرىدا 18-ئاۋغۇست كۈنى ئىدلىبتىكى ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىنى 8 قېتىم بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر ۋەيران بولغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىن بۇيان گۆلان ئېگىزلىكىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى بەئس ھاكىمىيىتى يىرىمىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە 1974-يىلىدىكى «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى» نىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيە تەرەپتىكى بۇففېر رايونىنى ۋە شەيخ تېغىنىڭ سۈرىيە قىسمىنى بېسىۋالغان ئىدى.

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا 26-ئىيۇلدىكى باياناتىدا، خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن بىر خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، سۈرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى گۆلان ئېگىزلىكى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ئاساستا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىققا يول ئېچىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار