خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
دونالد ترامپ ئىراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيەنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى / TRT World

ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندىكى خۇسىيلارغا زەربە بېرىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى ئاشماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قايتىدىن باشلانغان توقۇنۇشلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندىكى خۇسىيلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن رايون مىقياسىغا كېڭىيىش تەھدىتى ئوتتۇرىغا چىققان بىر پەيتتە، ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق توغرىسىدا تېخى قارار بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئەمدى «ئەستايىدىل» بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىرانغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ھازىرچە كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئاقسارايدىكى ئىشخانىسىدا ژۇرنالىستلارنىڭ ئىرانغا ئېغىر زەربىلەرنى بېرىش توغرىسىدا قارار بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىگە دائىر سۇئالىغا قارىتا: «ياق بەرمىدىم. ھازىر ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. پەرىزىمچە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بەلكىم ئوچۇق سەۋەبلەر بىلەن كۈنسېرى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپ ئىراننىڭ كېلىشىم تۈزۈش بىلەن ھۇجۇملارنى «تېخىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيەگە» چىقىرىش ئوتتۇرىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى، ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلىي ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.

ترامپ، قارار ئېلىشقا يول ئاچىدىغان «ھالقىلىق چەك» نىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشقا يېقىنلىشىشى ئۆزىنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ ھالقىلىق ئورۇندىكى ھورمۇز بوغۇزىنى يېپىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىران بولسا ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا تۆت ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران ئارمىيەسى ۋاشىنگتوننىڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىغا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە جۈمە كۈنى بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى بەھرەيىندىكى بىر ئەمازون (Amazon) ئۇچۇر مەركىزىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئەمما نە ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى نە بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

ئامېرىكا تەرەپتىنمۇ ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ياكى خادىملىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق جەزملەشتۈرۈش باياناتى ئېلان قىلىنمىدى.

بەھرەيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەيشەنبە ئەتىگەندە دۆلەتتە قايتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مىنىستىرلىق X سۇپىسىدىكى باياناتىدا: «پۇقرالار ۋە دۆلەتتە ياشاۋاتقانلار ئېغىر-بېسىق بولۇشى ۋە ئەڭ يېقىن بىخەتەر رايونغا بېرىشى لازىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UN urges immediate rollout of Strait of Hormuz confidence mechanism

خىتاي مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

ترامپ باياناتىدا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىرانغا قورال بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دىپلوماتىك ئالاقىلەر دائىرىسىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، قىرغىزىستاندا ئىرانلىق مەنسەپدىشى سەييىد ئابباس ئاراقچى بىلەن كۆرۈشتى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا (Xinhua) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ۋاڭ، مۇزاكىرىلەرنىڭ ئامال بار تېزراق قايتىدىن باشلىنىشى ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن رايونىدىكى جىددىيچىلىكنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ئۆزئارا چۈشىنىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى چاقىرىق قىلدى.

مەزكۇر كېلىشىم ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى بىلەن ۋەيران بولغان دەسلەپكى كېلىشىمگە ئاساسلانغان ئىدى.

ۋاڭ: «مۇزاكىرە ئىشىكى بىر قېتىم ئېچىلغاندىن كېيىن يېپىلماسلىقى كېرەك. تىنچلىق ئۈمىدى بارلا بولىدىكەن، بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك»، دېدى.

توقۇنۇشلار قىزىل دېڭىزغا تارقالدى

ئۇرۇشنىڭ يېڭى سېپىدە خۇسىيلار، سەئۇدى ئەرەبىستانغا دېڭىز قامىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن قىزىل دېڭىزدىكى نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە يەمەندە خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىگە زەربە بەردى.

خۇسىيلارنىڭ قامال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن  بىر قانچە كۈن كېيىن بىر سەئۇدى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتتى.

بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچىسىنىڭ يەر شارى بازىرىغا مال يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا تەھدىت بولماقتا.

ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىز، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان باشقا ئاساسلىق دېڭىز لىنىيەسى ئورنىدا تۇرماقتا. ئامېرىكامۇ پاراخوتلارنىڭ ئىران پورتلىرىغا يېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

ھۇدەيدەدە ياشايدىغانلار پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى يەتكۈزمەكتە، بىر شاھىت پارتلاشلارنىڭ پورتقا يېقىن بىر رايوندا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشلامچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم باياناتچىسى تۇركى ئەل-مالىكى، X سۇپىسىدىكى باياناتىدا: «تېررورچى خۇسىي كۈچلىرى قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا» دېدى.

مالىكى ئىتتىپاقداش قىسىمنىڭ بۇنىڭغا «قەتئىي ۋە كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى» بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran attacks US military assets in Bahrain, Jordan, Kuwait in retaliation
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»