خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا چەكلىمە قويدى
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پېنتاگون بىر قانچە خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ياردەم بەرگەن دەپ قارىلىدىغان شىركەتلەر تىزىمىغا قوشۇپ قويدى.
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا چەكلىمە قويدى / Reuters

خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويدى.

پېنتاگون بۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتاي ئارمىيەسىنى قوللاۋاقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئورگانلار تىزىملىكىگە خىتاينىڭ ئىنتايىن كۆپ ساندىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنى قوشقان ئىدى.

خىتاي دۈشەنبە كۈنى پېنتاگوننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى تاشلىغان قەدىمىگە نىسبەتەن ئوخشاش تەرىقىدە قايتۇرما تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا جىددىي چەكلىمە قويدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش غايىسى بىلەن ھەمدە دۆلەتنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قانۇنى ۋە جۈپ مەقسەتلىك (ھەم پۇقراۋى ھەم ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان) مەھسۇلاتلارنى تەرتىپكە سالىدىغان بەلگىلىمىلەرەە بىنائەن ئارىلىرىدا «Aveox, Inc.» مۇ بولغان ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە قوشتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ چەكلىمە تەدبىرىنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمى، پېنتاگوننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ئارمىيەسىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ ئىشەنگەن ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە «1260H» دەپ ئاتالغان تىزىملىككە، ئارىلىرىدا ئەلىبابا گۇرۇھى (Alibaba Group)، بايدۇ (Baidu) ۋە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى BYD شىركەتلىرىمۇ بولغان ئىنتايىن كۆپ ساندىكى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى قوشقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

خىتاي ئېكسپورت كارخانىچىلىرىدىنمۇ Red Cat Holdings, Inc.، Teal Drones, Inc.، IMSAR، Jaia Robotics, Inc.، Ball Aerospace & Technologies Corp.، Oshkosh Defense، L3Harris Maritime Services, Inc.، MP Materials Corp. ۋە USA Rare Earth, Inc. لارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئورگانلارنىغىمۇ جۈپ مەقسەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا پۈتۈنلەي چەكلىمە قويدى.

قايسى دۆلەت ياكى رايوندىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئورگانلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى خىتاي بولغان جۈپ مەقسەتلىك مەھسۇلاتلارنى يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ئورگانلارغا يۆتكىشى (يەتكۈزۈشى) ياكى تەمىنلەپ بېرىشى تولۇق چەكلەندى.

بۇنىڭغا چېتىشلىق باشقا ئۆزگىرىشلەر سۈپىتىدە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى سېتىۋېلىش پروگراممىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن بېكىتىلگەن ئامېرىكانىڭ 46 شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىنىمۇ مەنئىي قىلىدىغان بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.

بۇ يېڭى تەدبىر رامكىسى ئاستىدا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، Lockheed Martin Corporation ۋە Raytheon Missiles & Defense شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىكتىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى پۈتۈنلەي چەكلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China rolls out plan to expand offshore yuan trading in Shanghai
ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى
پۇتىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى كېلىشىمى تۈزدى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۇچۇرمىغا غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 40 كىشى ئۆلدى
پاكىستاندا بىر ئاپتوبۇس جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاندا ئىككى ئۆينىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 4 كىشى ئۆلدى
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
نىگېرىيەدە بوكو ھارام بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلدى: 2 ئادەم ئۆلدى
فىرانسىيەدە ئايروپىلان ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى