تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.
#NKT84 : DAX 股票指数突破 20,000 点 / TRT Global
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش
ئومۇمىي قىممىتىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە % 2.1 تەرەققىي قىلغان.
قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەرەققىيات نىسبىتى %9.2 بولغان. قۇرۇلۇش ساھەسىدىن قالسا پۇل – مۇئامىلە، سوغۇرتا ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.
ئائىلىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى %3.1 ئاشقان. بۇ مەزگىلدە مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتى %0.8 ئاشقان.