ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا بازارلاردا ئەندىشىلەر پەسكويغا چۈشۈپ، ئارىلاشما رېئاكسىيە كۆرۈلدى.
ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP

ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى، تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى.

چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 14-ماي) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا باجلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆۋەنلىتىدىغان سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ كېلىشىم دۇنيا بازىرى ۋە خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىنى لەرزىگە سالغان سودا ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق ئوت ئۆچۈرۈش پۇرسىتى ياراتتى.

ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن، تاموژنا باجلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە كېلىشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (13-ماي)  فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە «ئېچىش» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان  «ئىنتايىن كۈچلۈك» سودا كېلىشىمى پىلانى ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ترامپ پارس قولتۇقى ساياھىتىدە ئولتۇرغان «Air Force One» ئايروپىلانىدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز خىتاي بىلەن ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىشىمنىڭ چېگراسىغا يەتتۇق. لېكىن كېلىشىمنىڭ ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان يېرى... خىتاينىڭ ئامېرىكا سودا دۇنياسىغا ئېچىلىشى. بىزنى ھەمدە خىتاينى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان نەرسە، بىزنىڭ خىتاي بازىرىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US, China pause trade war for 90 days, tariffs slashed down

ئاسىيا ئاكسىيە بازارلىرى ئۆرلىدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى 90 كۈن ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەندىن كېيىن، ئاسىيا ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆسۈش كۆرۈلدى.

ياپونىيەنىڭ كۆرسەتكىچ ئىندېكسى نىككې پايچەكلىرى  Nikkei 37,874.59 گە چۈشتى. ئاۋسترالىيەنىڭ   «S&P/ASX 200» ئىندېكسى %0.1 تۆۋەنلەپ 8,260.40 گە چۈشتى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ  «Kospi» ئىندېكسى %1.1 ئۆسۈپ  2,635.86 گە يەتتى. خوڭكوڭنىڭ «Hang Seng»  ئىندېكسى %1.1 ئۆسۈپ 23,367.57 گە، شاڭخەي كومپوزىت ئىندېكسى %0.1 پايدا بىلەن 3,377.75 گە يەتتى.

خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوت ئۈزۈشىنىڭ قانچىىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا تاموژنا بېجىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە يۈزلىنىشى ھەققىدىكى مۇجىمەللىك سەۋەبىدىن ئوتتۇراھال يېنىكلەش ھېس قىلماقتا.

«Fitch Ratings» نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى برىيان كولتون (Brian Coulton): «ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمنىڭ بولماسلىقى، تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ قەيەردە مۇقىملىشىدىغانلىقى ۋە ھازىر قويۇلۇۋاتقان تاموژنا باجلىرىنىڭ تەسىرى توغرىسىدىكى مۇجىمەللىك، ماكرو ئىقتىسادىي پەرەزلىرىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللار بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump claims 'great progress' in US-China trade talks in Geneva

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز