ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا بازارلاردا ئەندىشىلەر پەسكويغا چۈشۈپ، ئارىلاشما رېئاكسىيە كۆرۈلدى.
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى، تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى.
چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 14-ماي) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا باجلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆۋەنلىتىدىغان سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ كېلىشىم دۇنيا بازىرى ۋە خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىنى لەرزىگە سالغان سودا ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق ئوت ئۆچۈرۈش پۇرسىتى ياراتتى.
ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن، تاموژنا باجلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە كېلىشتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (13-ماي) فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە «ئېچىش» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «ئىنتايىن كۈچلۈك» سودا كېلىشىمى پىلانى ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ترامپ پارس قولتۇقى ساياھىتىدە ئولتۇرغان «Air Force One» ئايروپىلانىدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز خىتاي بىلەن ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىشىمنىڭ چېگراسىغا يەتتۇق. لېكىن كېلىشىمنىڭ ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان يېرى... خىتاينىڭ ئامېرىكا سودا دۇنياسىغا ئېچىلىشى. بىزنى ھەمدە خىتاينى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان نەرسە، بىزنىڭ خىتاي بازىرىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئاسىيا ئاكسىيە بازارلىرى ئۆرلىدى