رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن: غەرب قوشۇنلىرى چېگرىمىزغا يېقىنلاشسا، ھەرتەرەپلىمە جاۋاب قايتۇرىمىز
رۇسىيە پىرزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەرب قوشۇنلىرى چېگرىمىزغا يېقىنلاشسا، ھەرتەرەپلىمە جاۋاب قايتۇرىمىز، دېدى.
00:00
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن: غەرب قوشۇنلىرى چېگرىمىزغا يېقىنلاشسا، ھەرتەرەپلىمە جاۋاب قايتۇرىمىز
putin / AP

/

رۇسىيە پىرزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا شەرقتە قان تۆكۈلۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ باشقا نۇرغۇن رايونلىرىدا توقۇنۇش چىقىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن، غەربنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاشقا، ئۆز قائىدىلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنى توسۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى —ناتونىڭ رۇسىيە چېگرالىرىغا يېقىن جايلاردىكى ھەربىي قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پۇتىن، ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى قەيت قىلىپ، غەربنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، «رايوننىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى»نى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن، رۇسىيەنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قارىتا زۆرۈر تەدبىرلەر ئالغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇش شارائىتىدا «ئورېشنىكى» بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل جەمئىي 189 ئولتۇراق رايوننى ئازاد قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى