ئاسىيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى

ئاسىيا دۆلەتلىرى يەر شارى خاراكتېرلىك يېقىلغۇ قىسلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋۇخەن ۋىرۇسى (19-COVID) مەزگىلىدىكى تەدبىرلەرنى قايتا يولغا قويۇشقا باشلىدى.

By
سىدنېيدا، تاڭ ئاتقاندا بىر نېفىت پاراخوتى سىدنېي ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، 2026-يىلى 21-مارت، رويتېرس. / Reuters

جەنۇبىي كورېيە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش سىياسىتىنى ئويلىشىۋاتىدۇ؛ فىلىپپىن بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ياردەم تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىران ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارى خاراكتېرلىك يېقىلغۇ قىسلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (19-COVID) مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش ۋە ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

ئاسىيا دۆلەتلىرى يېقىلغۇ كىرىزىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا، چۈنكى بۇ رايون ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان خام نېفىتنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى سېتىۋالىدۇ. 28-فېۋرال (2026) ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، بۇ بوغۇز ئىران تەرىپىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تاقالدى.

رايوندىكى ھېچقانداق دۆلەت تېخىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش تەدبىرىنى رەسمىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلمىدى، ئەمما بەزى دۆلەتلەر بۇ سىياسەتنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى كىم سۇڭ-ۋان سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) نىڭ كىشىلەرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەشنى تەكلىپ قىلىش ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە بۇ ياخشى پىكىر» دېدى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ئېنېرگىيەدىن تەخمىنەن 400 مىليون ۋارىل نېفىت قويۇپ بېرىشكە قوشۇلدى، شۇنداقلا نېفىت باھاسى بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش ۋە ئايروپىلاندا ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاگېنتلىقنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى فاتىھ بىرول بۇ ھەپتە سىدنېيدىكى يىغىندا بۇ چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

بىرول مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويدى ۋە بۇ بىر ئەمەلىي سىناق بولدى. بۇ تەدبىرلەر ئۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردىن ئۆتۈپ كېتىشىگە زور ياردەم بەردى.»

سانائەت كۈچلىرىنىڭ تەدبىرلىرى

سانائەت كۈچى بولغان جەنۇبىي كورېيە سەيشەنبە () 2026-يىلى 24-مارت) كۈنى خەلق ئىچىدە باشلاپ، كىشىلەردىن يۇيۇنۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، تېلېفونلارغا كۈندۈزى توك قاچىلاش ۋە توك سۈپۈرگىنى ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى. ئېنېرگىيە مىنىستىرى كىم يەنە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش تەدبىرىنىمۇ ئاكتىپ ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئېنېرگىيە ئېھتىياجىدا ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە كۆپ تايىنىدىغان فىلىپپىن، مۇشۇ ئاي بېشىدا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتتى. پىرىزېدېنت فېردىناند ماركوس ئۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشىگە «زور خەتەر» ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە جىددىي ھالىتى ئېلان قىلدى.

پاكىستان مەكتەپلەرنى ئىككى ھەپتە تاقىدى ۋە ئىشخانا خادىملىرىنىڭ كۆپرەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارال دۆلىتى سىرى لانكا يېقىلغۇ زاپىسىنى تېجەش ئۈچۈن ھەر چارشەنبە كۈنىنى ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان سىنگاپور خەلق ۋە كارخانىلارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، توكلۇق ماشىنىلارنى قوللىنىش ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ تېمپېراتۇراسىنى تەڭشەشكە چاقىردى.

تايلاند باش مىنىستىرى ئانۇتىن چارنۋىراكۇل ئەمەلدارلارنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىنى توختىتىش، ھاۋا تەڭشىگۈچ تېمپېراتۇراسىنى 25 گرادۇستىن يۇقىرى قىلىش، كاستۇم-بۇرۇلكا ۋە گالىستۇك تاقىماسلىق، لىفىت ئورنىغا پەلەمپەيدىن چىقىش ۋە چۈشۈش، ھەمدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈردى.

تۇرمۇش تەننەرخى ياردىمى

بەزى دۆلەتلەر ئۆرلەۋاتقان يېقىلغۇ تەننەرخىنىڭ ئائىلە خامچوتىغا سالغان بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىگە يۈزلەندى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بېنزىن باھاسىنى بىر لىتىرىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 170 يېن ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 800 مىليارد يېن ($5 مىليارد دوللار) زاپاس مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەدبىر ئۈچۈن ھەر ئايدا 300 مىليارد يېن خەجلىنىشى مۇمكىن.

يېڭى زېلاندىيە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر ھەپتە 50 يېڭى زېلاندىيە دوللىرى ($29.30) ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قوشنا دۆلەت ئاۋسترالىيەدە بولسا، كىشىلەرنىڭ ساراسىمە ئىچىدە كۆپلەپ سېتىۋېلىشى ۋە يېقىلغۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن يۈزلەرچە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قۇرۇقدالدى. ھۆكۈمەت يېقىلغۇ باھاسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋالغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇندى.

سىياسەتتىكى قىيىنچىلىق

ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك پەرقى شۇكى، مەركىزىي بانكالار ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە ئالدىرىمىدى، ئەكسىچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئويلاشتى. ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئىقتىساد تاقالغاچقا ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتكەن، شۇڭا زور كۆلەملىك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان ئىدى.

ھازىر بولسا، ئاۋسترالىيە مەركىزىي بانكاسى بۇ يىل ئىچىدە ئاللىبۇرۇن ئىككى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈردى. مەبلەغ سالغۇچىلار ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپانىڭمۇ يېقىنقى ئايلاردا ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئىقتىسادشۇناس جېننىفېر مەككېئون مۇنداق دېدى: «نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندە مەركىزىي بانكىلار كىلاسسىك سىياسەت قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىرسى، پۇل پاخاللىقى ئۆرلەيدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ئېشىش ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن. توغرا سىياسەت ئىنكاسى، كۆپىنچە نېفىت باھاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆرلىگەنلىكىگە ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە باغلىق.»