خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
كرودىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلارنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
كىرودىيە پىرېزىدېنتى مىلانوبىچ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن» سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ مۇداپىئە مىنىستىرى مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېيتتى.
كرودىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلارنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
Миلاнович ھۆكۈمەتنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق پىلانلانغان قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئۈسكۈنە كېلىشىملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. / Reuters
15 سائەت بۇرۇن

كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوبىچ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كىرودىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ھەمكارلىقلارنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلغان مىلانوبىچ: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان پوزىتسىيەسى ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ بارلىق نورمىلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن»، ئۆتكەن ماي ئېيىدا «كىرودىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ھەمكارلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلكىنى ۋە بۇنىڭ كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە كىرودىيە ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھە سودىسىنى توختىتىشقا چاقىردى.

پىرېزىدېنت مىلانوبىچ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر تېلېفون سۆھبىتىدە، باش مىنىستىر ئاندرېي پلېنكوبىچنى بىۋاسىتە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ئىۋان ئانۇسىچنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قىلغان رەسمىي زيارىتى ھەققىدە توختالغان مىلانوبىچ، مىنىستىرنىڭ ئۇ يەردە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا مۇداپىئە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مىلانوبىچ كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن: «كىرودىيە ئارمىيەسى مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە ھەمكارلىق ئورناتمايدۇ» دەپ قايتا تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت يەنە: «كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىگە ھەر قانداق زىيان يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن»، كىرودىيە ئارمىيەسى ئەزالىرىنىڭ «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياكى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتى بىلەن تۈزۈلىدىغان ھېچقانداق كېلىشىم، توختام ياكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشمايدىغانلىقى»نى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە كىرودىيە مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېلىشىملەرنىڭ توختىتىلىشى

مىلانوبىچ ھەربىي ئەسلىھە ۋە قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولغان ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنى، ئىسرائىلىيەدىن قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھە سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پىلانلانغان كېلىشىم، توختام ياكى بەلگىلىمىلەرنى توختىتىشقا چاقىردى.

پىرېزىدېنت باش مىنىستىرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ كىرودىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ «ناتو مەنپەئەتداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش»نى ۋە كىرودىيە سانائىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھە ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ئانۇسىچ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېل ئاۋىۋ زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىلىيە كاتز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە «مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى سەۋىيەسىدە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» ۋە كىرودىيە بىلەن ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ يېقىن ئالاقىلەرنى ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سۆھبەتنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇچۇر ئورتاقلىشىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «Trophy» ئاكتىپ قوغداش سىستېمىسى قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ سىستېمىنىڭ كىرودىيە سېتىۋالغان گېرمانىيەنىڭ «Leopard 2A8» تىپلىق تانكىلىرىغا سەپلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئانۇسىچ «Trophy» سىستېمىسى ئۈچۈن ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن كاتزغا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ تېخنىكىنىڭ «Leopard 2A8» تانكىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تانكىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئانۇسىچ يەنە: «ئىسرائىلىيە سانائىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوراللىق كۈچلىرىمىز ۋە كىرودىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
دۆلەتلەر «يېڭى دېھلى خىتابنامىسى» دە ئىشەنچلىك ۋە خەۋپسىز سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولدى
ئىران نامايىشتىكى تالافەت سانى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا دوئېل ئېلان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى
دېموكراتلار مىليارد دوللار تاموژنا بېجىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئاقدېڭىزغا كىردى
پىرېزىدېنت پېترو مىڭلىغان قوللىغۇچىسىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى
ئىراندا ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بىر ئۇچقۇچى قازا قىلدى
ئىران ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
ب د ت باش كاتىپى: سۈنئىي ئەقىل بىر نەچچە مىلياردېرنىڭ كەيپىياتىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقى كېرەك
لاۋروۋ: ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئوت بىلەن ئويناشقانلىقتۇر
ب د ت: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 50 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ بەزى جايلىرىنى «قوشۇۋېلىش» ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان ئەنقەرەدە چاقىرىلغان مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ۋىتكوف: ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى
فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ۋەيران بولۇش گىردابىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەدەم تاشلىدى