ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىسى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائىل كاتز ئارمىيەگە غەززەدىكى بارلىق ئېھتىماللىق بولغان سېنارىيەلەرگە قارىتا تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتز پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ غەززەدە ئىشغالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىستىخبارات كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئەڭ ناچار سېنارىيەلەرگە تەييارلىق قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان كاتز، ھەرقانداق بىر ھۇجۇم يۈز بەرگەن تەقدىردە غەززەدىكى خەلقنىڭ «مۇناسىپ بولمىغان ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.
ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ غەززە ۋە لىۋانغا قىلىدىغان ھۇجۇملىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، شۇنداقلا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
«Israel Hayom» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاتنىشىشىسىزمۇ ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا تەييارلىق قىلماقتا.






















